ئىككىنچى ۋەھىي: تۆت مۈڭگۈز ۋە تۆت ھۈنەرۋەن
2
‏1 ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، مانا، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. ‏2 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بۇلار يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرسۇسالېمنى سۈرۈپ تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» دېدى.
‏3 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەنننى كۆرسەتتى. ‏4 مەن: «ئۇلار نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدا خەلقىنى شۇنچىلىك سۈرۈپ تارقىتىۋەتتىكى ھېچكىم بېشىنى كۆتۈرەلمىدى. ئەمما بۇ ھۈنەرۋەنلەر بولسا يېھۇدا خەلقىنى چېچىۋېتىش ئۈچۈن مۈڭگۈزىنى كۆتۈرگەن ئەللەرنى قورقۇتقىلى ۋە ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى سۇندۇرغىلى كەلگەنلەردۇر» دېدى.
 
ئۈچىنچى ۋەھىي: ئۆلچەش تانىسىنى تۇتقان ئادەم
‏5 ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، قولىدا بىر ئۆلچەش تانىسى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ‏6 مەن ئۇنىڭدىن: «قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «يېرۇسالېمنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلچىگىلى كېتىۋاتىمەن» دېدى. ‏7 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېنىمدىن ئايرىلدى ۋە باشقا بىر پەرسىھتە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. ‏8 ئۇ ئاۋۋالقى پەرىشتىگە مۇنداق دېدى: «چاپسان بېرىپ، ئۇ يىگىتكە دېگىنكى: ‹«يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز بىر شەھەرگە ئايلىنىدۇ. ‏9 لېكىن مەن ئۇنىڭ چۆرىسىدە بىر يالقۇنلۇق ئوت سېپىلى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
‏10 «تېز-تېز، شىمالدىكى زېمىندىن قېچىڭلار! چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىگە چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەنىدىم» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏11  ئەي بابىل قىزى بىلەن بىللە تۇرغان سىئون خەلقى، تېز قېچىپ قۇتۇل!    ‏12 چۈنكى مېنى ئۆز شان-شەرىپىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتكەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار: «سىلەرگە چېقىلغان مېنىڭ كۆزۈمنىڭ قارىچۇغىغا چېقىلغان بولىدۇ. ‏13 مانا، مەن قولۇمنى ئۇلارغا قارشى يۇقىرى كۆتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرى، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
‏14 «ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىلىپ شادلانغىن! چۈنكى، مانا، مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ماكانلىشىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار،    ‏15 ئۇ كۈنى نۇرغۇن ئەللەر پەرۋەردىگارغا كېلىپ ئۇنىڭغا باغلىنىدۇ ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. ئۇ كۈن مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردا ياشايمەن». ئۇ چاغدا مېنى سىلەرگە ساماۋى قوسۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ‏16 پەرۋەردىگار مۇقەددەس زېمىندا يەھۇدانى ئۆزىگە مىراس قىلىپ، يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ.
‏17 ئەي بارلىق تىرىك جانلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغىلىپ چىقتى›».