تۆتىنچى ۋەھىي: باش كاھىن يەشۇئانىڭ ئاقلىنىشى
3
‏1 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان باش كاھىن يەشۇئانى ۋە ئۇنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.   
‏2 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى جازالىسۇن، ئەي شەيتان! يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنى جازالىسۇن! بۇ كىشى ئوتتىن تارتىۋېلىنغان چالا كۆيگەن ئوتۇن پارچىسى ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏3 يەشۇئا كىيىملىرى مەينەت ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
‏4 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئۈستىدىكى مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار» دېدى. ئاندىن يەشۇئاغا: «مانا قارا، گۇناھىڭنى سەندىن ئېلىۋەتتىم. ئەمدى ساڭا ھېيتلىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن» دېدى. ‏5 مەنمۇ: «بېشىغىمۇ پاكىز بىر سەللە ئورالسۇن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېشىغا پاكىز سەللە ئورىدى ۋە ئۇنى كىيىندۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
‏6 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا جېكىلەپ مۇنداق دېدى: ‏7 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ‹ئەگەر سەن مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بۇيرۇغىنىم بويىچە ئىش تۇتساڭ، مېنىڭ بەيتىمنى سەن باشقۇرىسەن، ھويلا-ئاراملىرىمغا سەن قارايسەن. ساڭا بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ، ھۇزۇرۇمغا چىقىش ئىمتىيازىنى بېرىمەن. ‏8 ئەي باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە ئالدىڭدا ئولتۇرغان كاھىن ھەمراھلىرىڭ قۇلاق سېلىڭلار! چۈنكى ئۇلار كېلەچەكتىكى ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇر. مەن «نوتا» دەپ ئاتالغان ھىزمەتكارىمنى مەيدانغا چىقىرىمەن. ‏9 مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قاراڭلار! بۇ بىر تاسنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەت ئويىمەن› دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، ‹ۋە مەن بۇ زېمىندىكى يامانلىقلارنى بىر كۈندە يوقىتىپ تاشلايمەن›.
‏10 ‹ئۇ كۈنى سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ۋە ئەنجۇر دەرىخىنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇشقا چاقىرىسىلەر› دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەرىگار».