بەشىنچى ۋەھىي: ئالتۇن چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخى
4
‏1 مەن بىلەن سۆزلەشكەن پەرىشتە تەكرار كەلدى ۋە مېنى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى ئويغاتقاندەك ئويغاتتى. ‏2 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن» دەپ سورىدى. «ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغدان كۆرۈۋاتىمەن» دېدىم جاۋاب بېرىپ، «ئۇچىدا زەيتۇن يېغى ئۈچۈن بىر قاچا بار ۋە ئۈستىدە يەتتە چىراغ، ھەربىر چىراغنىڭ يەتتە جوغىسى بار ئىكەن. ‏3 ئۇنىڭدىن باشقا چىراغداننىڭ يېنىدا، بىرى زەيتۇن يېغى قاچىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار».
‏4 ئاندىن كېيىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئەي خوجام، بۇلارنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىدىم. ‏5 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتكەن پەرىشتە: «بۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. «ياق، خوجام» دېدىم جاۋابەن.
‏6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە ئېيتقان سۆزى مۇنداق: ‹بۇ ئىش كۈچ ياكى قۇدرەت بىلەن ئەمەس، پەقەتلا مېنىڭ روھىم بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ› دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار». ‏7 «سەن كىم بولىسەن، ئەي بۈيۈك تاغ؟ زەرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىككە ئايلىنىسەن. ئۇ مۇقەددەس بەيتنىڭ ئاخىرقى تېشىنى ئېلىپ كەلگەندە، خەلق: ‹مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن› دەپ توۋلىشىدۇ».   
‏8 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە ماڭا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‏9 «بۇ بەيتنىڭ ئۇلىنى زەرۇببابەلنىڭ قوللىرى سالدى ۋە ئۇنى پۈتكۈزىدىغانمۇ ئۇنىڭ قوللىرىدۇر. شۇ چاغدا مېنى سىلەرگە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ‏10 كىچىك ئىشلارنى قىلىش كۈنىنى كىم كۆزگە ئىلمايدۇ؟ بۇ يەتتە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن يەر يۈزىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى زەرۇببابەلنىڭ قولىدىكى قەلەي تېشىنى كۆرگىنىدە سۆيۈنىدۇ».   
‏11 مەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ مەنىسى نېمە؟» ‏12 ۋە يەنە: «ئىككى ئالتۇن جوغا ئارقىلىق ئالتۇن رەڭلىك ياغ قۇيۇۋاتقان بۇ ئىككى زەيتۇن شېخىنىڭ مەنىسى نېمىدۇر؟» دەپ سورىدىم. ‏13 «بۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى ئۇ. «ياق خوجام، بىلمەيمەن» دېدىم جاۋابەن. ‏14 پەرىشتە: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرغان، زەيتۇن يېغى بىلەن مەسىھلىنىپ تاللانغان ئىككى كىشىدۇر» دېدى.