ئالتىنچى ۋەھىي: ئۇچۇۋاتقان ئورالما پۈتۈك
5
‏1 بېشىمنى يەنە كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا، ئۇچۇۋاتقان بىر ئورالما پۈتۈكنى كۆردۈم. ‏2 پەرىشتە مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ» دەپ سورىدى. مەن جاۋاب بېرىپ: «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز كېلىدىغان ئۇچۇۋاتقان بىر ئورالما پۈتۈكنى كۆردۈم» دېدىم. ‏3 پەرىشتە ماڭا دېدىكى: «بۇ پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە ياغىدىغان لەنەتتۇر. ئورالما پۈتۈكنىڭ بىر تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە كىمكى ئوغرىلىق قىلسا زېمىندىن يوق قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە كىمكى يالغان قەسەم ئىچسە ئۇمۇ زېمىندىن يوق قىلىنىدۇ.   
‏4 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ‹مەن بۇ لەنەتنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئوغرىنىڭ ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان قەسەم قىلغاننىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ، شۇ ئۆيدە قالىدۇ ۋە ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىدۇ›».
 
يېتىنچى ۋەھىي: ئۆلچەش قېپى ئىچىدىكى ئايال
‏5 ئاندىن كېيىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېقىنلىشىپ: «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ نېمە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باق» دېدى. ‏6 «نېمە بۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئېفا ئۆلچەش قېپى» دېدى ۋە ئەسكەرتتى: «بۇ پۈتكۈل زېمىندىكىلەرنىڭ يامانلىقى كۆرسىتىدۇ».    ‏7 بۇ ئەسنادا قاپنىڭ يۇمۇلاق قوغۇشۇن ياپقۇچى ئېچىلدى. ئېفا قېپى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. ‏8 پەرىشتە: «مانا بۇ يامانلىقنىڭ ئۆزىدۇر» دېدى ۋە ئايالنى ئېفا قېپىنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ، قاپنىڭ ئاغزىنى قوغۇشۇن ياپقۇچى بىلەن ئېتىۋەتتى. ‏9 بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا، شامالدا ئۇچۇپ يېقىنلىشىۋاتقان ئىككى ئايال كۆردۈم. ئۇلارنىڭ لەيلەك قاناتلىرىغا ئوھشايدىغان قاناتلىرى بار ئىدى ۋە ئېفا قېپىنى ئاسمان-زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. ‏10 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئېفا قېپىنى نەگە ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ؟» دەپ سورىدىم. ‏11 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ئۇلار شىنار زېمىنىدا ئۇ ئايالغا بىر ئۆي سېلىش ئۈچۈن كەتتى. ئۆي پۈتكەندە ئېفا قېپى ئۇ يەرگە ئۆز جايىغا قويۇلىدۇ» دېدى.