يېرۇسالېم ۋە بارلىق ئەللەرنىڭ سوراققا تارتىلىشى
3
1 ئاسىيلىق قىلىپ بۇلغانغان ۋە زۇلۇمغا تولغان شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! 2 ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ، نەسىھەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمەيدۇ، ئۆز خۇداسىغا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ. 3 ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمىرلىرى ھۆركىرەيدىغان شىرلاردەك، ئۇنىڭ ھاكىملىرى ئاخشىمى چىقىپ يورۇغۇچە ھېچنېمىنى قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردەك. 4 پەيغەمبەرلىرى يوغان سۆزلەيدىغان ھىيلىگەر كىشىلەر، ئۇنىڭ كاھىنلىرى پاك بولغاننى ناپاك قىلىپ، تەۋرات قانۇنىنى بۇرمىلايدىغان كىشىلەردۇر. ■ 5 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ھېچ ئادىلەتسىزلىك قىلمايدۇ. ھەر ئەتىگەندە ئادالەتنى بايان قىلىدۇ. بىراق ئىنساپسىزلار نومۇس قىلمايدۇ.
6 «مەن خەلقلەرنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىۋېتىپ، كوچىلىرىنى كىشى ماڭالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋەتتىم. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندى. ئۇ يەردە ھېچكىم ماكان تۇتۇپ ياشىمايدۇ. 7 مەن نەسىھەت بېرىپ: ‹مەندىن قورقۇپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىڭلار› دېدىم. ئۇلار شۇنداق قىلغاندا، بېكىتكىنىم ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيتتى، ئۇلارنىڭ ماكانى ۋەيران بولۇپ كەتمەيتتى، لېكىن ئۇلار يامانلىق قىلىشقا ئالدىرىدى. 8 شۇڭا مەن ئولجا ئېلىشقا چىقىدىغان كۈنگىچە مېنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار، «چۈنكى خەلقلەرنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئوتلۇق قەخر-غەزىپىمنى تۆكۈش ئۈچۈن خەلقلەرنى يىغىشقا ۋە پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشقا قارار قىلدىم. غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن پۈتۈن يەر يۈزى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ».
ئەللەر ۋە ئىسرائىلنىڭ توۋا قىلىپ خۇداغا قايتىشى
9 «ئۇ ۋاقىتتا خەلقلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، بىر كۆڭۈل بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، مەن ئۇلارغا پاك تىللار بېرىمەن. 10 كۇشنىڭ دەريالىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ماڭا ئىبادەت قىلغۇچىلار، يەنى تارقالغان خەلقىم كېلىپ، ماڭا ھەدىيە ئېلىپ كېلىدۇ. 11 لېكىن ئۇ كۈندە سىلەر ماڭا قىلغان ھەممە ئاسىيلىقلىرىڭلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىڭلار لازىم بولمايدۇ، چۈنكى پەخىرلىنىپ يوغانچىلىق قىلغۇچىلارنى ئاراڭلاردىن ئېلىپ تاشلىغىنىم ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس تېغىمدا ئۆزۈڭلارنى يەنە چوڭ تۇتمايسەن.
12 مەن ئىچىڭلاردا بىر ئېزىلگەن مىسكىن خەلقنى قالدۇرىمەن. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. 13 ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئامان قالغانلىرى يەنە ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىمۇ ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ. بىراق ئۇلار قويلاردەك بىغەم ئوتلايدۇ، ياتىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ».
ئىسرائىلنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى
14 ئەي سىئون قىزى، شادلىق بىلەن ناخشا ياڭراتقىن. ئەي ئىسرائىل، خۇشاللىقتىن چۇقان سالغىن. ئەي يېرۇسالېم قىزى، پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن شادلانغىن. ■ 15 پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى. ئۇ دۈشمىنىڭنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ ئاراڭدە ماكان تۇتقاچقا، سەن يەنە بالا-قازاغا ئۇچرىمايسەن. 16 ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قورقمىغىن. ئەي سىئون، قوللىرىڭ بوشاشمىسۇن. 17 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر. ئۇ كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى بولۇپ، قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ سەندىن خۇرسەن بولۇپ خۇشاللىنىدۇ. ئۇ مۇھەببىتىدە شۈك تۇرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ».
18 «ئۇ ۋاقىتتا مەن ھېيت ئۆتكۈزەلمەي غەم يېگەنلەرنى جەم قىلىمەن، سەندىن ئايرىلىپ ئاھانەتكە قالغانلارنى يىغىمەن. 19 مانا، ئۇ چاغدا مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازاغا تارتىمەن، توكۇرلارنى ساقايتىپ، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى جەم قىلىمەن. مەن ئۇلار ئاھانەتكە قالغان پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇلارنى نام-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرىمەن. 20 ئۇ چاغدا، يەنى مەن سىلەرنى يىغقان چاغدا، مەن سىلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىڭلارغا كەلتۈرگىنىمدىن كېيىن، سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار.