خۇدا ئىسرائىلنىڭ قوشنىلىرىنى جازالايدۇ
2
1 ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار. 2 ھۆكۈم چىقىرىلماستا، كۈن ساماندەك توزۇپ كەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى ئۈستۈڭلارغا چۈشمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى بېشىڭلارغا كەلمەستە ئەقلىڭلارغا كېلىڭلار. 3 ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تۇتۇپ زېمىندىكى كەمتەر-مۇلايىملار، پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار. ھەققانىيلىققا كۆڭۈل قويۇپ، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە پاناھ تاپىسىلەر. 4 مانا، گازا تاشلىنىپ قالغان يەر بولىدۇ، ئاشقېلون خارابىگە ئايلىنىدۇ، ئاشدود ئاھالىسى كۈندۈز كۈنى قوغلىنىپ كېتىدۇ، ئەقرون يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ. 5 دېڭىز بويىدا ياشايدىغان كىرېتىيلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەي فىلىستىنلەرنىڭ يۇرتى بولغان كەنئان، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر. مەن ئادەمزات قالمىغۇدەك دەرىجىدە سېنى ۋەيران قىلىمەن. 6 دېڭىز بويىدىكى يۇرتتا پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى ۋە قويلارنىڭ قوتانلىرىلا تېپىلىدۇ. 7 دېڭىز بويىدىكى زېمىن يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالغانلىرىغا تېگىشلىك بولىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە پادىسىنى بېقىپ، ئاخشام بولغاندا ئاشقېلوننىڭ ئۆيلىرىدە قونىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوقلاپ، ئۇلارنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
8 «مەن موئابلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ۋە ئاممونىيلارنىڭ مەسخىرىلىرىنى، ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ھاقارەتلەپ، ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىمىز› دەپ يوغانچىلىق قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىممۇ؟ 9 شۇڭا مەن ئۆز تىرىكلىكىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى» دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «شەكسىز موئاب سودومدەك، بەنى ئاممون بولسا گوموررادەك بولۇپ، ئەبەدكىچە تىكەنلىك جاي بولۇپ چۆلگە ئايلىنىپ، تۇزلۇق ساي بولىدۇ. مېنىڭ خەلقىمنىڭ قالغانلىرى ئۇلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ، خەلقىمنىڭ قالغانلىرى ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ». 10 ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلىشىپ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ھاقارەتلەپ، ئۇلار ئۈستىگە يوغانچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. 11 پەرۋەردىگار ئۆزىنى ئۇلارغا ھەيۋەتلىك كۆرسىتىپ، يەر يۈزىدىكى ئىلاھ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەممە ئارال-قىتئەلەردىكى خەلقلەر، ھەربىرى ئۆز جايىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ.
12 «ئەي كۇشىيلار، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر».
13 پەرۋەردىگار قولىنى شىمال تەرەپكە ئۇزىتىپ، ئاسسۇرنى يوقىتىدۇ، نىنەۋەنى ۋەيران قىلىپ، چۆل-باياۋاندەك قاغجىراپ كەتكەن يەرگە ئايلاندۇرىدۇ. 14 ئۇ يەردە پادىلار ياتىدۇ، ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلار ماكان تۇتىدۇ، ساقىيقۇش ۋە ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردىكى تۈۋرۈكلەر ئۈستىگە قونىدۇ، دېرىزىلەردىن ئۇلارنىڭ سايرىشى ئاڭلىنىدۇ. تورۇستىكى كېدىر ياغاچلىرى ئېچىلىپ قالغاچقا، بوسۇغىلاردا ۋەيرانلىق كۆرۈنىدۇ. 15 مانا، ئىلگىرى يايراپ-ياشناپ، خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز كۆڭلىدە: «مانا مەن! مېنىڭ تەڭدىشىم يوق!» دېگەن شەھەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى لىڭشىتىپ زاڭلىق قىلىپ ئىسقىرتىدۇ.