يۇنۇسنىڭ خۇدانىڭ مېھر-شەپقەتلىكىگە ھەيران قېلىشى
4
1 لېكىن يۇنۇس بۇ ئىشتىن ناھايىتى خاپا بولۇپ، قاتتىق ئاچچىقلاندى. 2 ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغىنىمدا شۇنى دېمىگەنمىدىم؟ سېنىڭ شەپكەتلىك ۋە رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان خۇدا ئىكەنلىكىڭنى، مەرھەمىتىڭ كەڭ، بالا چۈشۈرۈشتىن ۋاز كېچىدىغىنىڭنى بىلدىم. شۇڭا تارشىشقا قاچماقچى ئەمەسمىدىم؟ 3 ئەمدى، ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن، چۈنكى مۇنداق ياشاشتىن ئۆلگىنىم ياخشىدۇر» دېدى. 4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟» دېدى. 5 يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئولتۇردى. شۇ يەردە ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بىر چەللە ياساپ، ئۇنىڭ تېگىگە كىرىپ، شەھەرنىڭ تەقدىرى نېمە بولۇشىنى كۆرەي دەپ، سايىسىدا ئولتۇردى. 6 پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى خاپىلىقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاپاق پەلىكىنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىغا سايە سالسۇن دەپ، ئۇنى يۇنۇسنىڭ ئۈستىگە يېيىلدۇردى. يۇنۇس قاپاق پەلىكى ئۈچۈن بەك خۇش بولدى. 7 لېكىن ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پەلىكىنى يەپ كېسىپ قۇرۇتۇۋەتتى. 8 كۈن چىققاندا خۇدا شەرق تەرىپىدىن بىر قىزىق شامالنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۈننىڭ ئىسسىقلىقى يۇنۇسنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇ ھالىدىن كېتىپ، ئۆلۈمنى تىلەپ: «مۇنداق ياشاشتىن ئۆلگىنىم ياخشى» دېدى. 9 لېكىن خۇدا يۇنۇستىن: «بۇ قاپاق پەلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ھەئە، ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر» دېدى. 10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن مۇشەققەت تارتمىغان، ئۆزۈڭ ئۈندۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆزى ئۈنۈپ قېلىپ، بىر كېچىدە يوق بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاققا شۇنچە ئىچىڭ ئاغرىيدۇ. 11 ئەمدى بىر يۈز يىگىرمە مىڭدىنمۇ كۆپرەك، ئوڭ قولىنى سول قولىدىن ئايرىيالمايدىغان كىشىلەر ياشىغان، سان-ساناقسىز ھايۋانلارمۇ تۇرغان نىنەۋە دېگەن بۇ چوڭ شەھەر ئۈچۈن مېنىڭ ئىچىم ئاغرىمىسۇنمۇ؟» دېدى.