يۇنۇسنىڭ نىنەۋەگە بېرىشى
3
‏1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ‏2 «سەن قوپۇپ، نىنەۋە دېگەن چوڭ شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان سۆزنى ئۇ يەردە جاكارلىغىن» دېدى.
‏3 يۇنۇس قوپۇپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك نىنەۋەگە باردى. نىنەۋە ناھايىتى چوڭ بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنى كېزىپ ئۆتۈشكە ئۈچ كۈن كېتەتتى. ‏4 يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يول مېڭىپ: «قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋە ۋەيران قىلىنىدۇ» دەپ جاكارلىدى. ‏5 نىنەۋەنىڭ خەلقى خۇداغا ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان چىقاردى. چوڭ-كىچىك ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە يۆگىنىۋالدى.    ‏6 نىنەۋەنىڭ پادىشاھىمۇ شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا تەختىدىن چۈشۈپ، شاھانە تونىنى سېلىۋېتىپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ كۈلدە ئولتۇردى.
‏7 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نىنەۋەدە مۇنداق دەپ جاكارلاندى: «مەيلى ئىنسان، مەيلى ھايۋان، مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمىنى تېتىماي تۇرسۇن، ئوت-چۆپمۇ يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. ‏8 ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز رەشتكە يۆگەنسۇن. ھەربىر كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق پەرياد قىلسۇن ۋە يامان يولىدىن يېنىپ، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. ‏9 كىم بىلىدۇ، بەلكى بۇنىڭ بىلەن خۇدا رەھىم قىلىپ، ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلماي قويامدۇ، تېخى».
‏10 خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلمىدى.