يۇنۇسنىڭ دۇئاسى
2
1 پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا چوڭ بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس ئۈچ كېچە-كۈندۈز بۇ بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ قالدى. 2 يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 3 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دەرد-ئەلەم ئىچىدە پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ دۇئا قىلدىم،
ئۇ ماڭا قۇلاق سالدى.
ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ قورسىقىدىن پەرياد قىلدىم،
سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.
4 سەن مېنى چوڭقۇر دېڭىزنىڭ قارنىغا تاشلىغىنىڭدا
سۇ ئېقىنلىرى كېلىپ مېنى بېسىۋالدى.
سېنىڭ ھەممە ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دولقۇنلىرىڭ
كۆتۈرۈلۈپ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
5 ئۇ پەيتتە مەن: ‹مەن نەزىرىڭدىن تاشلىنىپ كەتتىم.
سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى يەنە كۆرەرمەنمۇ؟› دېدىم.
6 سۇلار مېنى بوغقۇدەك قورشىۋالدى،
چوڭقۇر سۇلار مېنى يۆگىۋالدى.
دېڭىزنىڭ ئوت-چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى.
7 مەن تاغلارنىڭ ئۇللىرىغىچە چۈشۈپ كېتىپ،
يەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈگە ماڭا يېپىلدى.
لېكىن، سەن، ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم،
مېنىڭ جېنىمنى ھاڭدىن قۇتقۇزۇۋالدىڭ.
8 ئۆلەي دەپ قالغىنىمدا پەرۋەردىگارنى ياد ئەتتىم،
مېنىڭ دۇئايىم مۇقەددەس بەيتىڭگە،
سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا يەتتى.
9 يالغان ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار
ئۆزىگە تېگىشى مۇمكىن بولغان مېھىر-شەپقەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.
10 لېكىن مەن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ساڭا شۈكۈر ئېيتىپ،
سەن ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ،
بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن،
چۈنكى نىجاتلىق پەرۋەردىگاردىندۇر».
11 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى.