پەرۋەردىگار ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ
4
‏1 «چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، مەن يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىتتا، ‏2 مەن ھەممە خەلقلەرنى يىغىپ، يەھوشافات ۋادىسىغا چۈشۈرىمەن. ئۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم بولغان ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇلارنى سوراققا تارتىمەن. چۈنكى ئۇلار خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا كەتكۈزۈپ، زېمىنىمنى بۆلۈپ، ‏3 خەلقىم ئۈستىگە چەك تاشلاپ، يىگىتلارنى پاھىشىنىڭ ھەققىگە بەردى، شاراب ئىچەيلى دەپ قىزلارنى شارابقا ساتتى.
‏4 ئەي تىر بىلەن سىدون ۋە فىلىستىيەنىڭ ھەممە زېمىنلىرى، ماڭا قارشى نېمە مەسلىھەتىڭلار بار؟ مېنىڭ بىر ئىشىم ئۈچۈن سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ ماڭا قارشى چىقساڭلار، مەن كېچىكمەي قىلغان ئىشلىرىڭلارنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا ياندۇرىمەن. ‏5 چۈنكى سىلەر مېنىڭ كۈمۈشلىرىم ۋە ئالتۇنلىرىمنى ئېلىپ كەتتىڭلار، مېنىڭ ئەۋزەل نەرسىلىرىمنى بۇتخانىلىرىڭلارغا ئېلىپ باردىڭلار، ‏6 يەھۇدانىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز زېمىنىدىن يىراققا ئېلىپ كېتىلسۇن دەپ، يۇنانلارغا سېتىپ بەردىڭلار. ‏7 مانا، سىلەر ئۇلارنى سېتىپ بەرگەن جايدىن مەن ئۇلارنى چاقىرىمەن ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا ياندۇرىمەن. ‏8 مەن سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قولىغا سېتىپ بېرىمەن. ئۇلار بولسا ئۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شېبالىقلارغا ساتىدۇ». مانا، پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق ئېيتقان.
 
‏9 «ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق جاكارلاڭلار: ‹جەڭگە تەييارلىنىپ، پالۋانلارنى قوزغىتىڭلار. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلىشىپ، جەڭگە ئاتلانسۇن. ‏10 ساپان چىشلىرىڭلارنى قىلىچ قىلىپ، پۇتاش پىچاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇڭلار. ئاجىز كىشى: «مەنمۇ كۈچلۈك» دېسۇن. ‏11 ئەي ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىپ يىغىلىڭلار. ئەي پەرۋەردىگار، پالۋانلىرىڭنى ئۇ يەرگە ئەۋەتكىن›. ‏12 ئەللەر قوزغىلىپ، يەھوشافات ۋادىسىغا كەلسۇن، چۈنكى ئۇ يەردە مەن ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى ئولتۇرىمەن. ‏13 ئورغاق سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى. كېلىڭلار، ئۈزۈم دەسسەشكە چۈشۈڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى تولغان، داسلار ئۇلارنىڭ زور رەزىللىكىدىن تېشىپ كەتتى.
 
‏14 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلىشىپ، ھۆكۈم ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەچكە، نۇرغۇن ئادەملەر ھۆكۈم ۋادىسىگە توپ-توپ بولۇپ يىغىلدى. ‏15 ئاي-كۈن تۇتۇلۇپ قالدى، يۇلتۇزلار ئۆز نۇرىنى قايتۇرۇۋالدى. ‏16 پەرۋەردىگار سىئوندىن گۈلدۈرلەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ. ئاسمان بىلەن يەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئۈچۈن پاناھگاھ ۋە ئىسرائىل ئۈچۈن قورغان بولىدۇ».
 
پەرۋەردىگار سىئوندا ماكان تۇتىدۇ
‏17 «ئۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى ۋە ئۆز مۇقەددەس تېغىم سىئوننى ماكان تۇتقىنىمنى بىلىسىلەر. يېرۇسالېم بىر مۇقەددەس جاي بولىدۇ، يات ئەللەر ئۇنىڭغا يەنە كىرىپ ئۆتەلمەيدۇ.
‏18 ئۇ كۈندە تاغلاردىن يېڭى شاراب تېمىپ، ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئېقىپ چۈشىدۇ. يەھۇدانىڭ ھەممە ئېقىنلىرىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن بىر بۇلاق چىقىپ، شىتتىم ۋادىسىنى سۇغىرىدۇ.
‏19 لېكىن مىسىر ۋەيران قىلىنغان زېمىن بولىدۇ، ئېدوم قۇرۇق چۆل-باياۋان بولىدۇ. ئۇلار يەھۇدا خەلقىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قان تۆككىنى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. ‏20 ئەمما يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، يېرۇسالېم نەسىلدىن نەسىلگىچە قالىدۇ. ‏21 مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ تېخى پاكلاندۇرۇلمىغان قان تۆكۈش گۇناھلىرىدىن ئۇلارنى پاك قىلىمەن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىئوننى ماكان تۇتىدۇ».