ئاخىركى كۈنلەرنىڭ ئالامەتلىرى
3
‏1 «بۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن بارلىق تىرىك جانلار ئۈستىگە ئۆز روھىمنى تۆكىمەن. ئوغۇل- قىزلىرىڭلار بېشارەتلەر يەتكۈزىدۇ، قېرىلىرىڭلار چۈشلەر، يىگىتلىرىڭلار ۋەھىيلەر كۆرىدۇ.    ‏2 ئۇ كۈنلەردە مەن قۇل بىلەن دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى تۆكىمەن. ‏3 مەن ئاسمان بىلەن يەردە كارامەتلەرنى، يەنى قان، ئوت ۋە ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. ‏4 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك كۈنى كەلمەستىن ئىلگىرى، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ‏5 ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا قۇتۇلۇپ قالغانلار پاناھ تاپىدۇ. پەرۋەردىگار چاقىرىدىغان قالدۇق خەلق ئۈچۈن قۇتۇلۇش بولىدۇ».