2
‏1 سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن سۇناي چېلىڭلار. زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تىترىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، دەرۋەقە ئۇ كۈن يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.    ‏2 ئۇ كۈن زۇلمەت باسقان كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان قاپ-قاراڭغۇ كۈن بولىدۇ. تاڭ سەھەرنىڭ نۇرى تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، ئەزەلدىن تارتىپ ئوخشىشى بولمىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نەسىلدىن نەسىلگىچە ئوخشىشى بولمايدىغان چوڭ ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ. ‏3 ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، كەينىدىن بىر يالقۇن لاۋۇلداپ يانىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى زېمىن ئېدەن بېغىدەك بولسىمۇ، ئۇلار ئۆتكەندىن كېيىن قۇرۇق چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قۇتۇلالمايدۇ. ‏4 ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار جەڭ ئاتلىرىدەك چاپىدۇ. ‏5 ئۇلار تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىكى جەڭ ھارۋىلىرىدەك شاراقلاپ سەكرەپ يۈرىدۇ، ساماننى كۆيدۈرىدىغان يالقۇندەك پاراسلايدۇ. ئۇلار جەڭگە سەپ تۈزگەن كۈچلۈك قوشۇنغا ئوخشايدۇ. ‏6 ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن خەلق دەھشەتكە چۈشىدۇ، ھەممەيلەننىڭ يۈزى تاتىرىپ كېتىدۇ.
‏7 ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرۈپ، جەڭچىلەردەك سېپىللارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، سەپلىرىنى بۇزماي، ھەربىرى ئۆز يولى بىلەن ئۇدۇل ماڭىدۇ. ‏8 ئۇلار بىر-بىرىنى ئىتتەرمەي، ھەربىرى ئۆز يولى بىلەن ماڭىدۇ. ئۇلار قورال-ياراغلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارىلانماي ئۆتىدۇ.
‏9 ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرۈپ، ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىپ، ئوغرىلاردەك دېرىزىلەردىن كىرىۋالىدۇ. ‏10 ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەر تەۋرىنىدۇ، ئاسمانلار سىلكىنىپ كېتىدۇ، ئاي-كۈن تۇتۇلۇپ قالىدۇ ۋە يۇلتۇزلار ئۆز نۇرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ‏11 پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ گۈلدۈرلەيدۇ. مانا، ئۇنىڭ قوشۇنى ئىنتايىن چوڭ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلايدىغانلار قۇۋۋەتلىكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغاچقا، كىممۇ ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟
 
روزا تۇتۇپ توۋا قىلىش چاقىرىقى
‏12 بىراق ھازىرمۇ پەرۋەردىگار: «روزا تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىپ، ئاھ-پەرياد قىلىپ، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ماڭا قايتىپ كېلىڭلار» دەيدۇ. ‏13 ئەمما كىيىملىرىڭلارنى ئەمەس، بەلكى كۆڭۈللىرىڭلارنى يىرتىڭلار. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا قايتىپ كېلىڭلار، چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل. ئۇ ئاسان غەسەپلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى كەڭدۇر. ئۇ بالايىئاپەتنى چۈشۈرۈش نىيىتىدىن يېنىشقا تەيياردۇر. ‏14 كىم بىلىدۇ؟ ئۇ نىيىتىدىن يېنىپ، رەھىم قىلىپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا كەلتۈرىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بولىدىغان بىرەر نېمەتنى قالدۇرامدۇ تېخى؟
 
‏15 سىلەر سىئوندا بۇرغا چېلىپ، روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مەخسۇس بىر يىغىن بولىدۇ دەپ ئېلان قىلىڭلار. ‏16 خەلقنى يىغىپ، جامائەتنى پاكلاڭلار. ئاقساقاللارنى جەم قىلىڭلار، بالىلارنى، ھەتتا ئېمىۋاتقانلارنىمۇ يىغىڭلار. تويى بولغان يىگىت ئۆز خانىسىدىن، قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن. ‏17 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان كاھىنلار ئايۋان بىلەن قۇربانلىق سۇپىسى ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ يىغا-زار قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن، ئۆز مىراسىڭ بولغان خەلقىڭ يات خەلقلەر ئارىسىدا مەسخىرە قىلىنمىسۇن، ماكال-تەمسىلنىڭ ماۋزۇسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەللەر ئارىسىدا: ‹ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟› دېيىلمىسۇن» دەپ پەرياد قىلسۇن.
 
خۇدا جاۋاب بېرىدۇ
‏18 ئۇ ۋاقىتتا ئۆز زېمىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەيرىتى ئۇرغۇدى، ئۆز خەلقىگە ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىدى. ‏19 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مانا، مەن يەپ تويىسىلەر دەپ، سىلەرگە ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە ياغ بېرىمەن. مەن سىلەرنى يەنە ئەللەر ئارىسىدا ھاقارەتكە ئۇچراتمايمەن. ‏20 مەن شىمال تەرەپتىن كەلگۈچىنى سىلەردىن نېرى قوغلىۋېتىپ، قاغجىراپ كەتكەن چۆللۈك زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن. ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزنىڭ ئىچىگە، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزنىڭ ئىچىگە ھەيدىۋېتىمەن. ئۇ يوغانچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن سېسىپ كېتىپ، ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقى ھەممە ئەتراپنى ئالىدۇ.   
‏21 ئەي زېمىن، قورقمىغىن، شادلىنىپ خۇشال بولغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدى. ‏22 ئەي دالانىڭ ھايۋانلىرى، قورقماڭلار، چۈنكى چۆل-باياۋاننىڭ يايلاقلىرى يەنە كۆكلەيدۇ، دەرەخلەر مېۋىسىنى بېرىدۇ، ئەنجۈر دەرىخى ۋە ئۈزۈم تېلى مول ھوسۇل بېرىدۇ. ‏23 ئەي سىئوننىڭ بالىلىرى، شادلىنىپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئاۋۋالكى يامغۇرنى يەتكۈدەك بېرىپ، ئىلگىرىكىدەك كۈز ۋە ئەتىياز يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا ياغدۇرىدۇ.    ‏24 خامانلار ئاشلىق بىلەن تولغان بولىدۇ، سىققۇچلار شاراب ۋە ياغدىن تېشىپ كېتىدۇ. ‏25 بۇ تەرىقىدە مەن سىلەرگە قارشى ئەۋەتكەن چېكەتكىلىرىمنىڭ قوشۇنلىرى، يەنى يالىغۇچى، يۇتقۇچى ۋە غاچىغۇچى چېكەتكىلەر ھوسۇلنى يەپ كەتكەن يىللارنىڭ زىيىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ‏26 سىلەر يەتكۈدەك يەپ تويۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئاجايىپ تەرىقىدە مۇئامىلە قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئەبەدكىچە شەرمەندە بولمايدۇ. ‏27 سىلەر مەن ئۆزۈم ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ماكان تۇتقىنىمنى، پەقەت مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئەبەدكىچە شەرمەندە بولمايدۇ».