14
1 سامارىيە ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، كىچىك بالىلىرى چانىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قورسىقى يېرىۋېتىلىدۇ». توۋا قىلىشقا چاقىرىقى - خۇدانىڭ كەچۈرۈم قىلىشى
2 ئەي ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ تەرىپىگە قايتقىن، چۈنكى سەن ئۆز گۇناھىڭ بىلەن يىقىلىپ چۈشتۈڭ. 3 سىلەر پۇشايمان سۆزلىرى بىلەن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا: «سەن ھەممە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى رەھىمدىللىق بىلەن قوبۇل قىلغايسەن. تورپاق قۇربانلىقىدەك ساڭا لەۋلىرىمىزنىڭ مەدھىيەلىرىنى سۇنىمىز. 4 ئاسسۇرنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشىغا ئۈمىد باغلىمايمىز، ئاتلارغىمۇ مىنمەيمىز. بىز يەنە قوللىرىمىز ياسىغىنىغا «خۇدايىمىز» دېمەيمىز، چۈنكى سەنلا يېتىملارغا رەھىم قىلغۇچى» دەڭلار.
5 «مېنىڭ غەزىپىم ئۇلاردىن يانغاچقا، مەن ئۇلارنى ۋاپاسىزلىقىدىن ساقايتىمەن، چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلارنى سۆيىمەن. 6 ئىسرائىل ئۈچۈن شەبنەمدەك بولىمەن. ئۇ نىلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ. 7 ئۇنىڭ نوتىلىرى ھەر تەرەپكە ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان كېدىرىنىڭكىدەك بولىدۇ. 8 خەلق قايتىپ ئۇنىڭ سايىسىدا ئولتۇرىدۇ، ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ. ئۇنىڭ شۆھرىتى لىۋاننىڭ شارابىنىڭكىدەك بولىدۇ. 9 ئۇ چاغدا ئەفرائىم: ‹بۇتلار بىلەن مېنىڭ نېمە ئىشىم بار؟› دەيدۇ، چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، مەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن. مەن باراقسان قارىغاي دەرىخىدەك بولىمەن. مەندىن مېۋە تاپىسەن».■
10 كىمكى دانا بولسا، بۇ ئىشلارنى چۈشىنىدۇ، كىمكى ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى توغرىدۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ، لېكىن ئاسىيلار ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.