ئەفرائىم خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلامايدۇ
13
1 «ئەفرائىم سۆز باشلىغاندا، ئادەملەر قورقۇپ تىترەپ كېتەتتى. ئۇ ئىسرائىلدا ئۇلۇغ بولدى، لېكىن بائال بۇتىنىڭ سەۋەبىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلدى. 2 ئۇلار ھازىر گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىگە كۈمۈشتىن قۇيۇلغان ھەيكەللەر، ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدىن چىققان نەرسىلەردۇر. ئۇلار توغرۇلۇق: ‹قۇربانلىق قىلغۇچى ئادەملەر موزاي ھەيكەللىرىنى سۆيىدۇ› دېيىلىدۇ. ■ 3 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سەھەرنىڭ بۇلۇتىدەك، تاڭدىكى تېزدىن كۆتۈرۈلگەن شەبنەمدەك، خاماندىن ئۇچۇرۇلۇپ كەتكەن پاخالدەك ۋە تۇرخۇندىن چىققان تۈتۈندەك يوقاپ كېتىدۇ. 4 لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن، مەندىن باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلما. مەندىن باشقا نىجاتكار يوقتۇر. ■ 5 مەن چۆل-باياۋاندا، قاغجىراپ كەتكەن زېمىندا سەندىن خەۋەر ئېلىپ تۇردۇم. 6 ئۇلار ئوتلاپ، يەپ تويدى، لېكىن ئۇلار تويغاندىن كېيىن كۆڭۈللىرى تەكەببۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇپ قالدى. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارغا قارشى بىر شىردەك بولىمەن، بىر يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ تۇرىمەن. 8 مەن بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئۇلارغا ئاتىلىپ، يۈرەك پەردىلىرىنى يىرتىۋېتىمەن. مەن ئۇ يەردە چىشى شىردەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلاردەك ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن.
9 ئەي ئىسرائىل، ماڭا، يەنى ئۆز ياردەمچىڭگە قارشى چىققىنىڭ سېنىڭ ھالاكىتىڭ بولدى. 10 سېنى ھەممە شەھەرلىرىڭدە قۇتقۇزىدىغان پادىشاھىڭ ئەمدى قېنى؟ سەن: ‹ماڭا پادىشاھ ۋە ئەمىرلەر تەيىنلەپ بەرگىن› دەپ سورىغان ھاكىملىرىڭ ئەمدى قېنى؟ 11 مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا بىر پادىشاھنى بەردىم، قەھرىم بىلەن ئۇنى ئېلىۋەتتىم.
12 ئەفرائىمنىڭ يامانلىقى چىڭ چىگىلگەندۇر، ئۇنىڭ گۇناھى ساقلاپ قويۇلغاندۇر. 13 تولغاق ئازابى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ. ئۇ ئەقىلسىز ئوغۇل، تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە چىقمايدىغان بالىدەكتۇر.
14 مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزامدىمەن؟! ئەي ئۆلۈم، سېنىڭ تايىقىڭ قېنى؟ ئەي ئۆلۈكلەر دىيارى، ھالاكىتىڭ قېنى؟ نىيىتىمدىن ۋاز كېچىش مېنىڭ كۆزلىرىمدىن نېرى بولسۇن. ■ 15 ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەپ ياشنىسىمۇ، شەرقتىن شامال چىقىپ كەلگەندە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ شامىلى چۆلدىن چىقىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ قۇدۇقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ بۇلىقى قاغجىراپ كېتىدۇ. شۇ شامال ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە ئېسىل نەرسىلىرىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىدۇ.