ئەفرائىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرى
12
‏1 «ئەفرائىم يالغانچىلىق بىلەن، ئىسرائىل جەمەتى ھىيلە بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدا بولسا ئىشەنچلىك مۇقەددەس بولغۇچى خۇداغا ھەمىشە ۋاپاسىزلىق قىلماقتا. ‏2 ئەفرائىم شامالنى ئوزۇق قىلىدۇ، شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ. ئۇ كۈندىن-كۈنگە يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقنى كۆپەيتمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، مىسىرغا ياغ ئەۋەتىدۇ.
‏3 پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ دەۋاسى بار. ئۇ ياقۇبقا يوللىرى بويىچە جازا بېرىدۇ، ئەمەللىرىگە قاراپ ياندۇرىدۇ. ‏4 ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ، ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالدى، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن چېلىشتى. ‏5 ئۇ پەرىشتە بىلەن چېلىشىپ غالىب كەلدى. ئۇ يىغلاپ ئۇنىڭغا يالۋۇردى. بەيتەلدە ئۇ خۇدانى تاپتى ۋە شۇ يەردە ئۇ بىزگە سۆز قىلدى، ‏6 يەنى، ياھۋەھ دەپ ئاتىلىپ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزى بىزگە سۆز قىلدى. ‏7 ئەمدى سەن خۇدايىڭنىڭ تەرىپىگە قايتقىن، مېھىر-شەپقەت ۋە ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمىشە خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلىغىن.
‏8 سودىگەر كەنئان قولىدا يالغان تارازىنى تۇتۇپ، ناھەق پايدىنى ياخشى كۆرىدۇ.    ‏9 ئەفرائىم: ‹مەن باي بولۇپ، كۆپ مال-مۈلۈك توپلىدىم. بىراق بارلىق ئەجىرلىرىمدە گۇناھ ھېسابلىنىدىغان يامانلىق مەندە تېپىلمايدۇ› دەيدۇ.
‏10 مىسىر زېمىنىدىكى ۋاقتىڭدىن تارتىپ مەن سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن. چۆلدە ئۇچرىشىش كۈنلىرىدىكىدەك مەن سېنى يەنە چېدىرلاردا ئولتۇرغۇزىمەن. ‏11 مەن يەنە پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلىپ، ۋەھىيلەرنى كۆپەيتىپ، پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەر بىلەن سۆزلەيمەن.
‏12 گىلېئاد يامانلىقنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، ئاھالىسى رەسۋا بولۇپ قالدى. ئۇلار گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپ بولدى.
‏13 ياقۇب ئارام يۇرتىغا قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل بىر خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن قويلارنى باقتى. ‏14 بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى ۋە بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق خەلقنى ساقلاپ قالدى.
‏15 ئەفرائىم ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇ تۆككەن قاننى ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىپ، ئۇنىڭ قىلغان شەرمەندىلىكى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ».