ئىسرائىل خۇدانى ئۇنتۇسىمۇ، خۇدا ئۇنى تاشلىمايدۇ
11
‏1 «ئىسرائىلنىڭ ياش ۋاقتىدا مەن ئۇنى سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن چاقىردىم. ‏2 لېكىن ئۇلار ھەرقانچە چاقىرىلسىمۇ، مەندىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئۇلار بائال بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇت ھەيكەللىرىنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ تۇردى. ‏3 مەن ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتتىم. مەن ئۇلارنى قۇچىقىمغا ئالدىم. بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ساقايتقۇچىسى مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇقمىدى. ‏4 مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىقنىڭ ئارغامچىلىرى بىلەن، مۇھەببەتنىڭ يىپلىرى بىلەن تارتىۋالدىم، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتتىم، مەن ئېگىلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇردۇم.   
‏5 ئۇلار مىسىر زېمىنىغا قايتمامدۇ؟ ئاسسۇر ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلار يامان يولىدىن قايتىپ توۋا قىلىشنى خالىمىغاچقا شۇنداق بولىدۇ. ‏6 قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدە ئوينىتىلىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىلغان پىكىر-مەسلىھەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ.
 
‏7 چۈنكى مېنىڭ خەلقىم مەندىن يۈز ئۆرۈپ تەرسالىق قىلىۋېرىدۇ. ئۇلار يۇقىرىغا قاراپ نالە قىلسىمۇ، ھېچكىم ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيدۇ.   
‏8 ئەي ئەفرائىم، مەن سېنى تاشلىۋېتىپ قانداقمۇ چىداي؟ ئەي ئىسرائىل، مەن قانداقمۇ سېنى قويۇپ بېرەي؟ مەن سېنى ئادما شەھىرىگە ئوخشاش قانداقمۇ ۋەيران قىلاي، زىبويىم شەھىرىگە قىلغاندەك ساڭا قىلسام قانداقمۇ چىداي؟ كۆڭلۈم ئىچىمدە قايناپ، قەلبىم رەھىم-شەپقەتكە تولدى.    ‏9 مەن غەزىپىمنىڭ قاتتىقلىقىدا ئىش قىلماي تۇرۇپ، ئەفرائىمنى يەنە ۋەيران قىلمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس بولغۇچى بولۇپ، قەھر-غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. ‏10 ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدىغان پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇ ھۆركىرىگىنىدە، غەرب تەرەپتىن ئۇنىڭ بالىلىرى تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ. ‏11 ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسسۇر زېمىنىدىن كەپتەردەك تىترىشىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا مەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ئولتۇرغۇزىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار.