ئىسرائىل ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جاۋاب بېرىدۇ
10
‏1 «ئىسرائىل ئۆزى ئۈچۈن مول مېۋە بېرىدىغان ئۈزۈم تېلىدەك ئىدى، لېكىن مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىمۇ شۇنچە كۆپەيتتى. زېمىن گۈللەپ ياشنىغانغانسېرى، ئۇلار بۇت تۈۋرۈكلىرىنىمۇ شۇنچە بېزىدى. ‏2 ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگەر بولغاچقا، ئەمدى جازاسىنى تارتىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يىقىتىدۇ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىدۇ. ‏3 ھېلى ئۇلار: ‹بىز پەرۋەردىگاردىن قورقمىغىنىمىز ئۈچۈن پادىشاھسىز بولۇپ قالدۇق، ئەمدى پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلالايدۇ؟› دەيدۇ. ‏4 ئۇلار قۇرۇق گەپ قىلىپ، يالغان قەسەم قىلىپ ئەھدە تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزدىكى چۆنەكلەردە زەھەرلىك ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىققاندەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دەۋالار كېلىپ چىقىدۇ.
‏5 سامارىيەدە ياشايدىغانلار بولسا بەيت-ئاۋەننىڭ موزاي بۇتى ئۈچۈن غەم يەيدۇ. ئۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ بۇتپەرەس روھانىيلىرى بۇتنىڭ شان-شەرىپى ئېلىپ كېتىلگىنى ئۈچۈن نالە-زار قىلىدۇ. ‏6 ئۇ ئۆزى ئاسسۇرغا سۆرىلىپ ئېلىپ كېتىلىپ، پادىشاھ يارەبكە ھەدىيە قىلىنىدۇ. ئەفرائىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىل ئۆزى قىلغان مەسلىھەتلىرىدىن خىجالەت بولىدۇ. ‏7 سامارىيەنىڭ پادىشاھى بولسا سۇ ئۈستىدە لەيلىگەن خەشەكتەك يوق بولۇپ كېتىدۇ.   ‏8 ئىسرائىلنىڭ گۇناھىغا سەۋەب بولغان ئاۋەننىڭ تۆپىلىكئىدىكى سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئۈستىدە تىكەن ۋە يانتاق ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار تاغلارغا: ‹بىزنى يېپىۋېلىڭلار› ۋە دۆڭلۈكلەرگە: ‹ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار› دەيدۇ.
 
‏9 ئەي ئىسرائىل، سەن گىبېئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ. خەلق گىبېئادا رەزىللىكنىڭ بالىلىرىغا قارشى قىلىنغان جەڭ بىزگە يېتىپ كەلمەيدۇ دەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. ‏10 لېكىن مەن خالىغان ۋاقتىمدا ئۇلارنى جازالايمەن. ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشىدىغان ۋاقتى كەلگەندە، يات خەلقلەر ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ.   
 
‏11 ئەفرائىم كۆندۈرۈلگەن ئىنەكتەك بولۇپ، خامان تېپىشكە ئامراق ئىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئايىغانىدىم، لېكىن ئەمدى ئەفرائىمنىڭ بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن. يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن، ياقۇب سۆرەم سۆرىسۇن. ‏12 ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، مېھىر-شەپقەت بىلەن ھوسۇل ئېلىڭلار، بوز يەرنى ئېچىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى. ئۇ كەلگەندە، ئۈستىمىزگە ھەققانىيلىق ياغدۇرسۇن دەپ ئۇنى ئىزدىگىن.
‏13 سىلەر ئۆز ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا ۋە پالۋانلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تايانغىنىڭلار ئۈچۈن، يامانلىقنىڭ قوشىنى ھەيدەپ، گۇناھنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. ‏14 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە قارشى چۇقان كۆتۈرۈلىدۇ. ئانا بالىلىرىغا قوشۇلۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىلگەن جەڭ كۈنىدە شالمان بەيت-ئاربەلنى ۋەيران قىلغاندەك، ھەممە قورغانلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ‏15 ھەددىدىن ئاشقان يامانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بەيتەل سىلەرگە شۇنداق قىلىدۇ. تاڭ سەھەردە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ».