ئىسرائىلنىڭ جازالىنىشى
9
1 «ئەي ئىسرائىل، باشقا خەلقلەردەك خۇشال بولۇپ شادلانمىغىن، چۈنكى سەن ئۆز خۇدايىڭغا زىناھوردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ھەربىر خاماندا پاھىشە ھەققىنى ئىزدىدىڭ. 2 مانا، خامان ۋە ئۈزۈم سىققۇچى خەلقنى تويدۇرالمايدۇ، يېڭى شارابمۇ ئۇلارغا يېتىشمەي قالىدۇ. 3 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ، بەلكى ئەفرائىم مىسىرغا قايتىدۇ ۋە ئۇلار ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھارام نەرسىلەرنى يەيدۇ.
4 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شارابتىن بولغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيالمايدۇ ۋە قۇربانلىقلىرى بىلەن ئۇنى رازى قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ. ئۇنى يېگەنلەر ناپاك بولىدۇ. ئۆزلىرىنى تويدۇرۇشقىلا بولىدىغان بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىرمەيدۇ. 5 ئەمدى بايرام كۈنلىرىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە نېمە قىلىسىلەر؟ 6 چۈنكى مانا، ئۇلار ھالاكەتتىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋالىدۇ، مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈمۈش بۇيۇملىرىنى چاققاق ئىگىلىۋالىدۇ، يانتاق ئۈنۈپ چىقىپ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى باسىدۇ.
7 جازا كۈنلىرى يېقىنلاشتى، ئىنتىقام كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. ئىسرائىل بۇنى بىلسۇن. گۇناھلىرىڭ كۆپ ۋە ئاداۋىتىڭ چوڭ بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەخمەق، روھانىي كىشى ساراڭ دەپ قارايسىلەر. 8 پەيغەمبەر خۇدايىم ئالدىدا ئەفرائىم ئۈچۈن كۆزەتچىدۇر، لېكىن ئۇ ھەممە يوللىرىدا ئوۋچىنىڭ قىلتاقلىرىغا ئۇچرايدۇ، خۇداسىنىڭ بەيتىدىمۇ ئۆچ-ئاداۋەتكە دۇچ كېلىدۇ. 9 ئۇلار گىبېئانىڭ كۈنلىرىدىكىدەك رەزىللىككە چوڭقۇر چۆككەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ.
10 مەن چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك ئىسرائىلنى تاپتىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى دەسلەپتە پىشقان ئەنجۈر مېۋىسىدەك ياخشى كۆردۈم. لېكىن ئۇلار بائال-پېئورغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى بۇ نومۇسلۇق بۇتقا بېغىشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاشىقىغا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى. 11 ئەفرائىمنىڭ شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇش، ھامىلە بولۇش، ھەتتا بويىدا ئاپىرىدە بولۇش يوق بولۇپ كېتىدۇ. 12 ئەگەر ئۇلار ئۆز بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلسىمۇ، مەن بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
13 مەن ئۇنى تاللىغىنىمدا، ئەفرائىم تىر شەھىرىگە ئوخشاش ئوبدان جايدا سېلىنغان كۆچەتتەك ئىدى. لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆز بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ■ 14 ئۇلارغا بەرگىن، ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارغا نېمە لايىق كۆرسەڭ بەرگىن! ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان قورساق ۋە قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن.
15 ئۇلارنىڭ ھەممە يامانلىقى گىلگالدا بولغاچقا، مەن ئۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ يامانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئاسىي بولغاچقا، ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن. 16 ئەفرائىمغا قاتتىق زەربە بېرىلدى. ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ كەتتى، ئۇلار مېۋە بەرمەس بولۇپ قالدى. ئۇلار بالا تۇغسىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئامراق پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن».
17 خۇدايىم ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. ئۇلار ئەمدى يات ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.