ئىسرائىلنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، خۇدانى ئۇنتۇشى
8
‏1 «بۇرغىنى ئاغزىڭغا سالغىن. مانا، ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، تەۋرات قانۇنۇمغا قارشى چىققاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئۈستىدە بىر بۈركۈت ئايلىنىپ ئۇچىدۇ. ‏2 ئۇلار ماڭا: ‹ئەي خۇدايىمىز، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز› دەپ پەرياد قىلىدۇ. ‏3 لېكىن ئىسرائىل ياخشىلىقنى تاشلىغاچقا، دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ.
‏4 ئۇلار مېنىڭ تەرىپىمدىن ماقۇللانمىغان پادىشاھلارنى تىكلىدى ۋە ماڭا مۇراجىئەت قىلماي ئەمىرلەرنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈشلىرىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئۆز ھالاكىتىگە سەۋەب بولىدىغان بۇتلارنى ياسىدى.
‏5 ئەي سامارىيە، سېنىڭ موزاي بۇتۇڭ يىرگىنچلىكتۇر. ئۇلارغا غەزىپىم قوزغالدى. قاچانغىچە ئۇلار گۇناھتىن پاكلانمايدۇ؟ ‏6 بۇ بۇت ئىسرائىلنىڭ ئۆزىدىن چىققان، بىر ھۈنەرۋەن تەرىپىدىن ياسالغان نەرسىدۇر خالاس، ئۇ خۇدا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن سامارىيەنىڭ بۇ موزاي بۇتى پارە-پارە قىلىنىدۇ.
‏7 ئۇلار شامال تېرىغاچقا، قۇيۇننى ئورىدۇ. زىرائىتىنىڭ باشاقلىرى دانسىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن قىلىپ بولمايدۇ. ئۇن چىقسىمۇ، ياتلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگىتىدۇ.
‏8 ئىسرائىل يۇتۇۋېلىنىپ، ئەللەر ئارىسىدا ھېچنېمىگە يارىمايدىغان قاچىدەك بولۇپ قالدى. ‏9 چۈنكى ئۇلار يالغۇز ئايلىنىپ يۈرگەن ياۋا ئېشەكتەك ئاسسۇرغا چىقىپ كەتتى. ئەفرائىم سوۋغات بېرىپ ئاشنىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ‏10 ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەللەرگە ساتقان بولسىمۇ، مەن ئەمدى ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلار ئۇلۇغ بىر پادىشاھنىڭ بېسىمى ئاستىدا قېلىپ ئازاب تارتىدۇ.
‏11 ئەفرائىم گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى سالدى. لېكىن بۇ قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلاپ باردى.    ‏12 مەن تەۋرات-قانۇنۇمنىڭ كۆپ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويغان بولساممۇ، ئۇلار بۇلارنى يات نەرسىدەك كۆردى. ‏13 ئۇلار گۆشىنى يېيىش ئۈچۈن سويۇم قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، لېكىن شۇنداق قۇربانلىقلاردىن پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ.
‏14 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىگە كۆپ سارايلارنى ياسىدى. يەھۇدا بولسا كۆپ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قۇردى. بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ئوت ياغدۇرىمەن».