خەلقنىڭ توۋا قىلماسلىقى
7
‏1 «مەن ئىسرائىلنى داۋالىغىنىمدا، ئەفرائىمنىڭ گۇناھلىرى ۋە سامارىيەنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئوغرىلار ئۆيلەرگە بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ‏2 ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممە يامانلىقلىرىنى ئېسىمدە تۇتقىنىمنى ئويلىمايدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىدۇر.
‏3 ئۇلار يامان ئىشلىرى بىلەن پادىشاھنى ۋە يالغان سۆزلىرى بىلەن ئەمىرلەرنى خۇش قىلىدۇ. ‏4 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور. ئۇلار ناۋاي قىزىتقان تونۇرغا ئوخشايدۇ. ناۋاي يۇغۇرۇلغان خېمىر ئۆرلەپ بولمىغۇچە ئوتنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ. ‏5 پادىشاھنىڭ بايرام كۈنىدە ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپىدىن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ، پادىشاھ ئۆزى مەسخىرىۋازلارغا قول بېرىدۇ.
‏6 ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇيىكەست قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز كۆڭۈللىرىنى بىر تونۇردەك يېقىپ قويغاچقا، غەزىپى كېچىچە چوغلىنىپ تۇرۇپ، ئەتىگىنى ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ. ‏7 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تونۇردەك قىزىپ قېلىپ، ئۆز ھاكىملىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىدىغان كىشى يوقتۇر.
‏8 ئەفرائىم يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. ئەفرائىم ئۆرۈلمىگەن پوشكالدەكتۇر. ‏9 ياتلار ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتسىمۇ، ئۇ ھېچنېمىنى سەزمەيدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ شۇنىمۇ بايقىمايدۇ. ‏10 ئىسرائىلنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ، بىراق ئۇلار يېنىلا ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىگە قايتماي تۇرۇپ، ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.
‏11 ئەفرائىم ئەقىلسىز دۆت پاختەككە ئوخشايدۇ. ئۇلار مىسىرنى ياردەمگە چاقىرىدۇ، ئاسسۇرنى ئىزدەپ بارىدۇ. ‏12 لېكىن ئۇلار كېتىپ بارغاندا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى يېيىپ تاشلايمەن، ئۇلارنى ئاسماندىكى قۇشلاردەك پەسكە چۈشۈرىمەن. ئۇلارنىڭ جامائىتىگە بايان قىلىنغىنى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن.   
‏13 ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، چۈنكى ئۇلار مەندىن قېچىپ كەتتى. ئۇلار ھالاك بولسۇن، چۈنكى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى خالىدىم، لېكىن ئۇلار ماڭا قارشى يالغان گەپ قىلدى. ‏14 ئۇلار ئورۇنلىرىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، چىن دىلىدىن ماڭا پەرياد قىلمايدۇ. ئۇلار ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈن يىغىلىدۇ، لېكىن مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ‏15 مەن ئۇلارنى تەربىيىلەپ، بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچلەندۈرگەن بولساممۇ، ئۇلار مېنىڭ ھەققىمدە يامان خىيال قىلىدۇ. ‏16 ئۇلار قايتسىمۇ، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەرىپىگە قايتمايدۇ. ئۇلار ئالدامچى ياغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ تىلى يامان بولغاچقا، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ، مىسىر زېمىنىدا مەسخىرىگە قالىدۇ».