خۇداغا قايتىپ كېلىش چاقىرىقى
6
‏1 «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارغا قايتايلى. چۈنكى ئۇ بىزنى تىتما-تىتما قىلغاندىن كېيىن، بىزنى ساقايتىدۇ، ئۇ ئۇرغاندىن كېيىن، يارىلىرىمىزنى تېڭىپ قويىدۇ. ‏2 ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى بىزنى تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ياشايمىز. ‏3 كېلىڭلار، ئەستايىدىللىق بىلەن پەرۋەردىگارنى تونۇشقا تىرىشايلى. ئۇنىڭ كېلىشى سەھەرنىڭ يورۇقىدەك شەكسىزدۇر. ئۇ يامغۇردەك، يەرنى سۇغىرىدىغان ئەتىياز يامغۇرىدەك يېنىمىزغا كېلىدۇ».   
 
خەلقنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى
‏4 «ئەي ئەفرائىم، ساڭا نېمە قىلاي؟ ئەي يەھۇدا، ساڭا نېمە قىلاي؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەرنىڭ تۇمانىدەك ۋە تېز يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. ‏5 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چېپىۋېتىپ، ئاغزىمدىن چىققان سۆزلەر بىلەن ئۆلتۈرىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك ئاشكارا بولىدۇ. ‏6 چۈنكى مەن قۇربانلىقنى ئەمەس، رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن كۆرە خۇدانى تونۇشتىن خۇرسەن بولىمەن.   
‏7 لېكىن ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىنى بۇزۇپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان. ‏8 گىلېئاد قانغا بويالغان، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرىدۇر. ‏9 كاھىنلارنىڭ توپى ئادەمنى ماراپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شەكەمنىڭ يولىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، رەزىللىك قىلىپ تۇرىدۇ. ‏10 مەن ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم. ئەفرائىم بۇزۇقچىلىققا بېرىلدى، ئىسرائىل ئۆزىنى بۇلغىدى. ‏11 ئەي يەھۇدا، مەن ئۆز خەلقىمنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە، سەن ئۈچۈنمۇ ئورمىنىڭ ۋاقتى كېلىدۇ».