ئىسرائىل ئۈستىدىكى ھۆكۈم
5
‏1 «ئەي كاھىنلار، بۇنى ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىل جەمەتى، تىڭشاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتىدىن بولغانلار، بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر مىسپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغىنىڭلار ئۈچۈن ھۆكۈمگە ئۇچرايسىلەر. ‏2 ئاسىيلار قان تۆكۈپ گۇناھقا پېتىپ كەتتى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازاغا تارتىمەن. ‏3 مەن ئەفرائىمنى تونۇيمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس. ئەي ئەفرائىم، سەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر.
‏4 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە زىنانىڭ روھى بولغاچقا، ئەمەللىرى ئۇلارنى ئۆز خۇداسىغا قايتقىلى قويمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنى بىلىشتىن مەھرۇم بولدى. ‏5 ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ، يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن بىللە يىقىلىپ چۈشىدۇ. ‏6 ئۇلار قوي ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىلى چىقىدۇ، بىراق ئۇنى تاپالمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى تەرك ئەتتى. ‏7 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ھارامدىن بالىلار تاپتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئاي ئۇلارنى ئۆز مىراس يەرلىرى بىلەن قوشۇپ، يەپ كېتىدۇ.   
‏8 گىبېئادا بۇرغا، رامادا كاناي چېلىڭلار. بەيت-ئاۋەندە توۋلاپ: «ئەي بەنيامىن، كەينىڭدىن!» دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار.    ‏9 ئەفرائىم جازا كۈنىدە ۋەيران بولىدۇ. مانا، مەن ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە نېمە بولىدىغىنىنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. ‏10 يەھۇدا ئەمىرلىرى چېگرا تاشلىرىنى يۆتكەيدىغان كىشىلەردەك بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن.
‏11 ئەفرائىم بولسا جاھىللىق بىلەن پايدىسىز رەسىم-قائىدىلەرگە ئەگەشكىنى ئۈچۈن زۇلۇم تارتىپ، ھۆكۈم ئاستىدا ئېزىلىپ قالىدۇ. ‏12 ئەمدى مەن ئەفرائىمغا بىر كۈيىدەك، يەھۇدا جەمەتىگە بىر قۇرتتەك بولۇپ قالىمەن. ‏13 ئەفرائىم ئۆز كېسىلىنى، يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرۈپ قالغاندا، ئەفرائىم ئاسسۇرغا باردى ۋە پادىشاھ يارەبكە ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ سىلەرنى ساقايتالمايدۇ ۋە يارىلىرىڭلارنى داۋالىيالمايدۇ.    ‏14 چۈنكى مەن ئەفرائىمغا قارشى بىر شىردەك، يەھۇدا جەمەتىگە قارشى ئارسلاندەك بولىمەن. مەن ئۆزۈم ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىپ، ئېلىپ كېتىمەن. ئۇلارنى ئېلىپ كەتكىنىمدە ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ‏15 ئۇلار گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە، مەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ماكانىمدا تۇرىمەن. لېكىن ئۇلار ئازاب تارتقىنىدا مېنى چىن دىلى بىلەن ئىزدەشكە باشلايدۇ».