كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ ۋاپاسىزلىقى
4
1 «ئەي بەنى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، چۈنكى زېمىندا ھەقىقەت ۋە سەمىمىي-سادىقلىق قالمىغاچقا ۋە خۇدا توغرىسىدىكى بىلىم يوق بولۇپ كەتكەچكە، زېمىندا ياشايدىغان خەلق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسى بار. 2 مانا، خەلق لەنەت ئوقۇش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىناخورلۇققا بېرىلىپ، زۇلۇم قىلىپ، قان ئۈستىگە قان تۆكۈپ يامانلىق قىلىۋېرىدۇ. 3 شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ كېتىدۇ. دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوق بولۇپ كېتىدۇ. 4 بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن دەۋالاشماڭلار، چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم، ئەي قاخىنلار، سىلەر بىلەن. 5 سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن، پەيغەمبەرمۇ ساڭا قوشۇلۇپ كېچىدە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. 6 مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك بولدى. سەن ئۆزۈڭ بىلىمنى تاشلىۋەتكەچكە، مەنمۇ سېنى تاشلىۋېتىمەن. ھۇزۇرۇمدا يەنە كاھىن بولالمايسەن. ئۆز خۇدايىڭنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. ■
7 ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى قىلغان گۇناھلىرىمۇ تېخىمۇ كۆپەيگەچكە، مەن ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرىمەن. 8 كاھىنلار ئۆز خەلقىمنىڭ گۇناھىدىن تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ يامانلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. 9 لېكىن خەلقنىڭ ئەھۋالى قانداق بولسا، كاھىننىڭكىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرىغا قاراپ جازالاپ، قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە ياندۇرىمەن. 10 ئۇلار پەرۋەردىگارغا بولغان ئىبادەتنى تاشلىغىنى ئۈچۈن، ئۇلار يەپ تۇرۇپ تويمايدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىپ تۇرۇپ كۆپەيمەيدۇ.
11 زىنا، شاراب ۋە يېڭى شاراب ئەقىلنى يوقىتىدۇ. 12 مېنىڭ خەلقىم بىر پارچە ياغاچىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۆز ھاسىسى بىلەن پال سالىدۇ. پاھىشىنىڭكىدەك روھى ئۇلارنى ئازدۇرغاچقا، ئۇلار ئۆز خۇداسىنىڭ ھىمايىسىدىن چىقىپ بۇزۇقچىلىققا بېرىلدى. 13 ئۇلار تاغلارنىڭ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭلەرگە چىقىپ، سايىسى ياخشى دەپ، دۇب، تېرەك ۋە سېدىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلار زىناخورلۇق قىلىدۇ. 14 قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك قىلسىمۇ، كېلىنلىرىڭلار زىناخورلۇق قىلسىمۇ، مەن ئۇلارنى جازالىمايمەن، چۈنكى ئەر كىشىلەر ئۆزلىرى يولدىن چەتنەپ، پاھىشىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، بۇتخانا پاھىشىلىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق سۇنىدۇ. بۇ تەرىقىدە ئەقىلسىز خەلق ھالاك بولىدۇ.
15 ئەي ئىسرائىل، سەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدامۇ گۇناھقا چۈشمىسۇن. گىلگالغا كەلمەڭلار، بەيت-ئاۋەنگە چىقماڭلار، تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ قىلماڭلار. 16 چۈنكى ئىسرائىل تەرسا بىر ئىنەكتۇر. ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانداقمۇ قوزىلاردەك كەڭرى يايلاقتا ئوتلاتسۇن؟! 17 ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلىشىۋالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن. ■ 18 ئۇلارنىڭ شارابخورلۇقى ھەددىدىن ئاشتى، ئۇلار بۇزۇقچىلىققا بېرىلدى. ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى پەس ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق. 19 لېكىن بوران ئۇلارنى ئۆز قاناتلىرىغا ئالغىنىدا، ئۇلار ئۆز قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن شەرمەندە بولىدۇ». ■