ھوشىيانىڭ زىناخور ئايالنى قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشى
3
‏1 پەرۋەردىگار ماڭا: «باشقا ئىلاھلارغا بۇرۇلۇپ، كىشمىش توقاچلىرىنى سۆيگەن بەنى ئىسرائىلغا پەرۋەردىگار مۇھەببەت باغلىغاندەك، سەنمۇ بېرىپ، يولدىشى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن بولۇپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئايالغا يەنە مۇھەببەت باغلىغىن» دېدى.   
‏2 شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ ئۇنى ئون بەش كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر يېرىم خومەر ئارپىغا سېتىۋالدىم.    ‏3 مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆيۈمدە ئولتۇرىسەن، سەن بۇزۇقچىلىق قىلماي، باشقا ئەر كىشىگىمۇ يېقىنلاشماي ئولتۇرىسەن. مەنمۇ ساڭا يېقىنلاشمايمەن» دېدىم.    ‏4 شۇنىڭغا ئوخشاش بەنى ئىسرائىل ئۇزۇن ۋاقىتقىچە پادىشاھسىز ۋە ئەمىرسىز قېلىپ، بۇت تۈۋرۈكلىرى، ئېفود ۋە ئۆي بۇتلىرىدىن ئايرىلىپ، كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.    ‏5 ئاندىن بەنى ئىسرائىل يېنىپ كېلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز پادىشاھى داۋۇدنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار ئاخىرقى كۈنلەردە قورقۇنچ بىلەن تىترەپ، پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغىلا ئۈمىد باغلايدۇ.