ئىسرائىلنىڭ پەس ھالەتكە چۈشۈشى ۋە قايتىدىن تىكلىنىشى
2
1 «شۇنداق بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەنى ئىسرائىل دېڭىزنىڭ قۇمىدەك سان-ساناقسىز بولىدۇ، ئۇلارغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس› دېيىلگەن بولسىمۇ، تىرىك خۇدانىڭ بالىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 2 يەھۇدا قەبىلىسى ۋە بەنى ئىسرائىل يەنە بىرلىشىپ، ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، تۇرغان زېمىنلاردىن چىقىدۇ، چۈنكى ‹يىزرەئەلنىڭ كۈنى› ئۇلۇغ بولىدۇ. ■ 3 ئۇ چاغدا ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا ‹ئاممى› ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭلارغا ‹رۇخاما› دەيسىلەر. ■ 4 ئاناڭلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ دەۋالىشىڭلار. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس، مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەسمەن. ئۇ بۇزۇق ھاياتىدىن يۈز ئۆرۈپ، زىنا ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۇلارنى كۆكسىدىن يىراق قىلسۇن. 5 بولمىسا مەن ئۇنى يالىڭاچلاپ، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك قىلىپ قويىمەن. ئۇنى چۆل-باياۋاندەك قىلىپ، قاغجىراپ كەتكەن زېمىنغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇققا مۇپتىلا قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. 6 ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ بۇزۇق نەسىلدىن بولغاچقا، ئۇلارغىمۇ رەھىم قىلمايمەن. 7 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇلارنى تۇغقان ئايال نومۇسسىزلىق قىلىپ تۇرۇپ: ‹ماڭا نان ۋە سۇ بېرىدىغان، مېنى يۇڭ ۋە قاناپ، ماي ۋە شاراب بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاشنىلىرىمنىڭ كەينىدىن ماڭاي› دېدى. 8 مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن، يولىنى يەنە تاپالمىسۇن دەپ، ئالدىغا تام سالىمەن. 9 ئۇ ئاشنىلىرىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرسىمۇ، ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلارنى ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ: ‹مەن بېرىپ، ئاۋۋالقى ئېرىمگە قايتاي، چۈنكى ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىم ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ياخشى ئىدى› دەيدۇ.
10 ئۇ بولسا ئۆزىنى ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە ماي بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۇ ئۆزى بائال بۇت ھەيكەللىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن-كۈمۈشنى مەن ئۆزۈم كەڭرىچىلىك بىلەن ئۇنىڭغا بەرگىنىمنى بىلمىدى. 11 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاشلىقىمنى ۋاقىت كەلگەندە ياندۇرۇۋالىمەن، شارابىمنى ۋاقتى يەتكەندە تارتىۋالىمەن ۋە ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ياپقان يۇڭ ۋە قاناپ كىيىمنى سالدۇرۇۋېلىپ، 12 ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئېچىۋېتىمەن. ئۇ چاغدا ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالماس. 13 مەن ئۇنىڭ شادلىق تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن، ئۇنىڭ ھېيتلىرى، يېڭى ئايلىرى ۋە شابات كۈنلىرىنى، يەنى ھەممە بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىنى يوق قىلىۋېتىمەن. 14 ئۇ: ‹بۇلارنى ئاشنىلىرىم ئىش ھەققىمگە بەردى› دېگەن ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ياۋايى ھايۋانلار يېسۇن دەپ، جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن. 15 ئۇ زىرە ۋە مارجانلار بىلەن زىننەتلىنىپ، ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، مېنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بائالنىڭ كۈنلىرىدە بائال بۇتلىرىغا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرگىنى ئۈچۈن جازا بېرىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار،
16 «شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنە ئۆزۈمگە مايىل قىلىمەن، ئۇنى چۆلگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە سۆزلەيمەن. 17 مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈمزارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئاكور ۋادىسىنى ئۈمىد ئىشىكى قىلىمەن. ئۇ يەردە ئۇ ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدىكىدەك ناخشا ياڭرىتىدۇ».
18 «ئۇ كۈنى سەن مېنى ‹بائالىم› دەپ ئاتىماي، ئېرىم دەپ ئاتايسەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار، ■ 19 «چۈنكى مەن بائال بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى يەنە ئەسلەنمىگۈدەك تەرىقىدە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىرىۋېتىمەن. 20 ئۇ كۈندە مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن ئوقيا ۋە قىلىچنى سۇندۇرۇپ، جەڭنى يوق قىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زېمىندىن چىقىرىپ، ئۇلارنى ئامان-ئېسەن ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن.
21 مەن سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈگە باغلاپ ئەمرىمگە ئالىمەن. سېنى ئادالەت ۋە ھەق ھۆكۈم بىلەن، مېھىر-شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن ئۆزۈمگە باغلاپ ئەمرىمگە ئالىمەن. 22 مەن سېنى ساداقەتلىك بىلەن ئۆزۈمگە باغلاپ ئەمرىمگە ئالىمەن. ئۇ چاغدا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن».
23 «ئۇ كۈنى مەن ئىلتىجالارغا قۇلاق سالىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار، «شۇنداقكى، مەن ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالىمەن، ئاسمان بولسا يەرنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالىدۇ، 24 يەر بولسا بۇغداي، شاراب ۋە ياغنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالىدۇ، بۇلار بولسا يىزرەئەلنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالىدۇ. ■ 25 مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن زېمىندا تېرىيمەن، لو-رۇخاماغا رەھىم قىلىمەن، لو-ئاممىغا: ‹سەن مېنىڭ خەلقىمدۇرسەن› دەيمەن ۋە ئۇ جاۋاب بېرىپ: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن› دەيدۇ».