12
1 «ئۇ چاغدا سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى ھىمايە قىلغۇچى چوڭ ئەمىر مىكائەل پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. شۇنچە مۇشەققەتلىك ۋاقىت بولىدۇكى، خەلق پەيدا بولغاندىن تارتىپ تا ئۇ ۋاقىتقىچىلىك ئۇنداق بولۇپ باققان ئەمەس. ئەمما ئۇ چاغدا سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىن دەپتەرگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇتۇلىدۇ. ■ 2 يەرنىڭ تۇپرىقىدا ئۇخلاپ ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتقا، ئەمما بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ مەڭگۈلۈك رەسۋالىققا تىرىلىدۇ. 3 دانالار ئاسمان گۈمبىزىدەك پارقىرايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا يېتەكلىگەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگ¨¨ پارلاپ تۇرىدۇ. 4 ئەمما سەن، ئەي دانىيال، بۇ سۆزلەرنى ساقلاپ قويۇپ، بۇ كىتابنى ئاخىر زامانغىچە مۆھۈرلىگىن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە بىلىم ئېشىپ بارىدۇ».
5 مەن دانىيال قارىسام، مانا، يەنە ئىككى كىشى، بىرى دەريانىڭ بۇ بويىدا ۋە يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ بويىدا تۇرغىنىنى كۆردۈم. 6 ئۇلاردىن بىرى كەندىردىن توقۇلغان لىباس كىيگەن، دەريا سۈيىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كىشىدىن: «بۇ ئاجايىپ ئىشلارنىڭ ئاخىرى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىدى.
7 مەن كەندىردىن توقۇلغان لىباس كىيگەن، دەريا سۈيىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ۋە سول قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل ئۆتۈپ بولغاندا ۋە مۇقەددەس خەلقنىڭ قۇدرىتىنىڭ سۇندۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دېدى. ■
8 مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم، لېكىن چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: «ئەي خوجام، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدىم.
9 ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، سەن يولۇڭغا ماڭغىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە يېپىلىپ مۆھۈرلەنگەندۇر. 10 نۇرغۇنلار سىنىلىپ پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ، ئەمما يامانلار يامانلىق قىلىپ تۇرىدۇ ۋە يامانلارنىڭ ھېچبىرى بۇنى چۈشەنمەيدۇ، لېكىن دانالار چۈشىنىدۇ. 11 كۈندىلىك قۇربانلىق توختىتىلىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك تىكلەنگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. ■ 12 ئەمما بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈنگىچە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
13 ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە ئۆز يولۇڭدا ماڭغىن. سەن راھەت تاپىسەن ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭنى ئالغىلى قايتا تىرىلىسەن.