11
‏1 مېدىيالىق دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا تۇردۇم.
‏2 ئەمدى ساڭا ھەقىقەتنى بىلدۈرەي: مانا، پارس پادىشاھلىقىدا يەنە ئۈچ پادىشاھ تەختكە چىقىدۇ. ئاندىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ ئۆز دۆلىتى بىلەن كۈچىيىپ قۇدرەت تاپقاندا ھەممىسىنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا قوزغىتىدۇ.
‏3 ئاندىن كېيىن چوڭ بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. ‏4 ئۇ كۈچىيىپ ئەۋجىگە يەتكەندە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ، تۆت شامال يۆنىلىشىگە تارقىلىپ بۆلۈنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتىكىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ.
‏5 كېيىن جەنۇبنىڭ پادىشاھى قۇدرەتلىك بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەردارلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭدىن زىيادە قۇدرەتلىك بولۇپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىدۇ. ئۇنىڭ سەلتەنىتى تېخىمۇ ئۇلۇغ بىر سەلتەنەت بولىدۇ. ‏6 بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇلار ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزىدۇ. جەنۇبنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن شىمالنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا بارىدۇ، لېكىن قىز ئۆز قۇدرىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شىمالنىڭ پادىشاھىمۇ ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن مەزمۇت تۇرالمايدۇ. قىز ئۆزى، ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ۋە ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تاشلىۋېتىلىدۇ.
‏7 ئەمما قىزنىڭ يىلتىز نوتىلىرىدىن بىرى جەنۇبنىڭ پادىشاھىنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ. ئۇ قوشۇن بىلەن چىقىپ، شىمالنىڭ پادىشاھىنىڭ قورغىنىغا كىرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كېلىدۇ.    ‏8 ئۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرى، قۇيما ھەيكەللىرىنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشتىن بولغان قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ئولجا قىلىپ مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ شىمالنىڭ پادىشاھىغا بىرنەچچە يىلغىچە ئارام بېرىدۇ. ‏9 شىمالنىڭ پادىشاھى بولسا جەنۇبنىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن يەنە ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ.
‏10 ئاندىن شىمالنىڭ پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرى قوزغىلىپ، بىر چوڭ قوشۇن يىغىپ چىقىپ، كەلكۈندەك كېلىپ يېيىلىپ زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ. ئۇ بىر چېكىنىپ، ئاندىن يەنە جەڭگە چىقىپ، زېمىننى قورغانغىچە بېسىپ كېلىدۇ. ‏11 ئەمما جەنۇبنىڭ پادىشاھى قاتتىق غەزەپلىنىپ، شىمالنىڭ پادىشاھىغا قارشى چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىدۇ. شۇ ئۆزى بىر چوڭ قوشۇن تەشكىللەيدۇ، لېكىن بۇ قوشۇن جەنۇبنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
‏12 بۇ قوشۇن يوق بولۇپ كەتكەندە، جەنۇبنىڭ پادىشاھى ئىنتايىن تەكەببۇرلىشىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇدرەتلىك بولمايدۇ. ‏13 چۈنكى شىمالنىڭ پادىشاھى يۇرتىغا قايتىپ، ئىلگىرىكىدىن چوڭراق بىر قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ چوڭ بىر قوشۇن ۋە كۆپ قورال-جابدۇق بىلەن كېلىدۇ. ‏14 ئۇ چاغدا نۇرغۇنلار جەنۇبنىڭ پادىشاھىغا قارشى چىقىدۇ. مۇشۇ ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن دەپ سېنىڭ خەلقىڭدىن بولغان زوراۋانلارمۇ قوپىدۇ، لېكىن ئۇلار يىقىلىپ تۈگەيدۇ. ‏15 ئاندىن شىمالنىڭ پادىشاھى كېلىپ، مۇھاسىرە توپا دۆۋىلىرىنى ياساپ، بىر سېپىللىق شەھەرنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇبتىكى قۇدرەتلىك كۈچلەر، ھەتتە ئۇلارنىڭ ئەڭ تاللانغان ئادەملىرى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. تاقابىل تۇرۇشقا ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەي قالىدۇ. ‏16 بۇ تاجاۋۇزچى خالىغىنىنى قىلىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشى تۇرالمايدۇ. ئۇ ‹شەرەپلىك زېمىن›نىمۇ بېسىۋالىدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىشقا كۈچى بولىدۇ.    ‏17 شىمالنىڭ پادىشاھى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن جەنۇبىي زېمىنغا كىرىش نىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئاخىرى جەنۇبنىڭ پادىشاھلىقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۆز ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. لېكىن قىزى ئۇنىڭ تەرەپتە تۇرمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ.
‏18 ئاندىن كېيىن شىمالنىڭ پادىشاھى دېڭىز بويىدىكى ئەللەرگە يۈزىنى قارىتىپ، ئۇلاردىن كۆپلىرىنى بېسىۋالىدۇ. لېكىن بىر سەردار ئۇنىڭ خاقارەتلىك قىلمىشلىرىنى تۈگىتىپ، ھاقارەت ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. ‏19 شۇنىڭ بىلەن شىمالنىڭ پادىشاھى ئۆز زېمىنىدىكى قورغانلارغا يۈزىنى قارىتىدۇ، لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلىپ، يوق بولۇپ كېتىدۇ. ‏20 ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر كىشى مەيدانغا چىقىپ، بىر باج-ئالۋان يىغقۇچى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى كېزىشكە ئەۋەتىدۇ، لېكىن بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ھالاك بولىدۇ، لېكىن توقۇنۇشتا ياكى جەڭدە ئەمەس.
‏21 ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىق ئىززىتىگە ھەققى بولمىغان پەس بىر ئادەم مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ تۇيۇقسىز قوپۇپ، خۇشامەتچىلىك بىلەن پادىشاھلىقنى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ. ‏22 كەلكۈندەك كەلگەن قوشۇنلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئېقىتىپ يوقىتىلىدۇ، ئەھدىنىڭ ئەمىرىمۇ يوقىتىلىدۇ.    ‏23 ئۇ ئۆزى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلەرگە ھىيلە ئىشلىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يۇقىرىغا چىقىپ، ئاز خەلقنىڭ مەدىتى بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ. ‏24 تۇيۇقسىز ئۇ زېمىننىڭ ئەڭ مۇنبەت يەرلىرىگە كىرىپ، نە ئاتىلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكنى ئۆز ئادەملىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ ۋە قورغانلارغا ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. بۇ قىلمىشلىرى بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، بىراق ئۇزۇنغا بارمايدۇ
‏25 ئۇ جەنۇبنىڭ پادىشاھىغا قارشى پۈتۈن قۇدرەت ۋە غەيرىتى بىلەن قوزغىلىپ، چوڭ بىر قوشۇن بىلەن چىقىدۇ. جەنۇبنىڭ پادىشاھىمۇ چوڭ ۋە ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ، لېكىن ئۇ سۇيىقەستكە ئۇچراپ، جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ‏26 ئۇنىڭ نېنىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى تارمار بولۇپ، كۆپلەر ھالاك بولىدۇ. ‏27 كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئىككىلىسى يامان نىيەت قىلىپ بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەيدۇ. چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى بولىدۇ. ‏28 شىمالنىڭ پادىشاھى ئۆز يۇرتىغا چوڭ ئولجا بىلەن قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس ئەھدىسىگە قارشى تۇرۇپ، تەدبىر ئېلىپ بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ.
‏29 ئەمما تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا ئۇ يەنە چىقىپ جەنۇب زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ. لېكىن بۇ ھۇجۇم ئىلگىرىكىدەك بولۇپ چىقمايدۇ. ‏30 چۈنكى كىتتىملىقلارنىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ جۈرئەتسىز بولۇپ چېكىنىدۇ. ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدۇ. قايتىپ كەلگەندە مۇقەددەس ئەھدىنى تاشلىغانلارنى ئەتىۋارلايدۇ.    ‏31 ئۇنىڭ تەرىپىدىن چىققان قوشۇنلار قورغان بولغان مۇقەددەس جاينى بۇلغاپ، كۈندىلىك قۇربانلىقنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىكنى ئۇ جايدا تىكلەپ،    ‏32 مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەتچىلىك بىلەن بۇزۇق يولغا ئازدۇرىدۇ. لېكىن ئۆز خۇداسىنى بىلگەنلەر باتۇرلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ‏33 خەلق ئىچىدىكى دانالار بولسا كۆپلەرگە تەلىم بېرىدۇ، لېكىن بىر مەزگىل ئۇلار قىلىچ، ئوت، ئەسىرلىك ۋە تالان-تاراجغا ئۇچرايدۇ. ‏34 ئۇلار تەڭلىكتە قالغىنىدا ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئۇلارغا قوشۇلىدۇ. ‏35 بەزى دانالار يىقىلىدۇ، لېكىن شۇ ئارقىلىق ئۇلار سىناق قىلىنىپ، ئاخىر زامان كەلگۈچە تاۋلىنىپ پاك قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاخىر زامان بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بولىدۇ.
 
‏36 شىمالنىڭ پادىشاھى خالىغىنىنى قىلىپ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ھەرقانداق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن قويىدۇ، ھەتتە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا قارشى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان رەزىل سۆزلەر بىلەن سۆزلەيدۇ. خۇدانىڭ غەزەپ ۋاقتى ئاخىرلاشقۇچە ئۇ روناق تاپىدۇ. چۈنكى بېكىتىلگىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ‏37 ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىلاھلىرىنى، ئاياللار سۆيۈنىدىغان ئىلاھنى ۋە باشقا ھېچقانداق ئىلاھنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدۇ. ‏38 بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ قورغانلارنىڭ ئىلاھىنى ئەتىۋارلاپ، ئاتا-بوۋىلىرى تونۇمىغان بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەت باھا تاشلار ۋە ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ‏39 ئۇ بۇ غەيرىي ئىلاھنىڭ مەدىتى بىلەن مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۇ چوڭ ئىززەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى كۆپچىلىككە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
‏40 ئاخىر زامان بولغاندا جەنۇبنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن شىمالنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىقلار ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ. ئۇ يەر-زېمىنلارغا بېسىپ كىرىپ، كەلكۈندەك ئېقىپ ئۆتىدۇ. ‏41 ئۇ ‹شەرەپلىك زېمىن›غىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. نۇرغۇنلار يىقىتىلىدۇ، لېكىن ئېدوم، موئاب ۋە ئاممونىيلارنىڭ باشلىقلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ‏42 ئۇ يەنە باشقا زېمىنلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى ئۇزاتسا، مىسىرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ‏43 ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىلىرىنى ۋە ھەممە بايلىقلىرىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە كۇشىيلار بولسا ئۇنىڭ ئىزىدا ماڭىدۇ.
‏44 ئەمما شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن ئۇنى چۆچۈتىدىغان خەۋەر كەلگەندە، ئۇ چوڭ غەزەپ بىلەن چىقىپ، نۇرغۇنلارنى ئۆلتۈرۈپ تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. ‏45 ئۇ ئوردا چېدىرلىرىنى دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەرەپلىك مۇقەددەس تاغنىڭ ئەتراپىغا تىكىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرى كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچى بولمايدۇ».