ئىسرائىل ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلار ھەققىدە بېشارەت
10
‏1 پارس پادىشاھى كورەشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بەلتشازار دەپ ئاتالغان دانىيالغا بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست ئىدى ۋە بىر قاتتىق جەڭ توغرىسىدا ئىدى. ئۇ بۇ سۆزنى ئويلاپ، ۋەھىينى چۈشىنىپ يەتتى.
‏2 شۇ كۈنلەردە مەن دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ماتەم تۇتتۇم. ‏3 مەززىلىك تاماق يېمىدىم، گۆش ۋە شاراب ئاغزىمغىمۇ كىرمىدى. ئۈچ ھەپتە تامام بولمىغۇچە بەدىنىمنى ياغ بىلەن ياغلىمىدىم. ‏4 مەن بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى چوڭ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، ‏5 بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، كەندىردىن توقۇلغان لىباس كىيگەن، بېلىگە ئۇفازنىڭ ساپ ئالتۇنىدىن بىر كەمەر باغلىغان بىر كىشىنى كۆردۈم. ‏6 ئۇنىڭ بەدىنى سېرىق ياقۇتتەك، ئۇنىڭ يۈزى چاقماقتەك، كۆزلىرى يالقۇنلۇق مەشئەلدەك ۋە قول-پۇتلىرى پارقىرىتىلغان مىستەك ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى چوڭ قوشۇننىڭ ئاۋازىدەك ئىدى.
‏7 يالغۇز ئۆزۈملا، دانىيال، شۇ ۋەھىينى كۆردۈم. مەن بىلەن بىللە بولغانلار ۋەھىينى كۆرمىدى، لېكىن ئۇلارنى شۇنداق چوڭ ۋەخىمە قاپلىدىكى، ئۇلار قېچىپ كېتىپ ئۆزىنى يوشۇردى. ‏8 مەن بولسام، يالغۇز قېلىپ، بۇ چوڭ ۋەھىينى كۆردۈم. شۇنى كۆرۈپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم. چىرايىم تاتىرىپ كەتتى ۋە مەندە ھېچ كۈچ-قۇۋۋەت قالمىدى. ‏9 مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئەمما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق ئۇيقۇدىن بېسىلىپ، يەرگە يىقىلىپ دۈم ياتتىم.
‏10 لېكىن مانا، بىر قول ماڭا تېگىپ، مېنى تىز ۋە قوللىرىمدا تۇرغۇزۇپ قويدى. ‏11 ئۇ ماڭا: «ئەي دانىيال، ئەي ئەزىز ئادەم، مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغىن. ئۆرە تۇرغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى ماڭا ئېيتقاندا، مەن لاغىلداپ تىترەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ‏12 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، قورقمىغىن، چۈنكى سەن چۈشىنىشكە ۋە ئۆزۈڭنى خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ دۇئايىڭ ئاڭلاندى. مەن شۇ دۇئا سۆزلىرىڭ ئۈچۈن يېنىڭغا كەلدىم. ‏13 پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى يىگىرمە بىر كۈن مېنى توسۇپ تۇردى، ئەمما باش ئەمىرلەردىن بىرى بولغان مىكائەل پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلىشقا كەلدى، چۈنكى مەن ئۇ يەردە پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا يالغۇز قالغانىدىم.    ‏14 ئەمدى كېيىنكى كۈنلەردە سېنىڭ خەلقىڭگە بولىدىغان ۋەقەلەرنى ساڭا چۈشەندۈرگىلى كەلدىم، چۈنكى بۇ ۋەھىي كېيىنكى كۈنلەر توغرىسىدا بولىدۇ».
‏15 ئۇ ماڭا مۇنداق سۆز قىلغاندا مەن يۈزۈمنى يەرگە قارىتىپ، شۈك تۇرۇپ قالدىم. ‏16 ئۇ چاغدا، مانا، ئىنسانغا ئوخشايدىغان بىرى مېنىڭ لەۋلىرىمگە قولىنى تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغان كىشىگە: «ئەي خوجام، بۇ ۋەھىينىڭ سەۋەبىدىن جان-پېنىم چىقىپ كېتىپ، ھېچ ھالىم قالمىدى. ‏17 خوجامنىڭ مەندەك بىر قۇلى سەندەك خوجام بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم بوغۇلۇپ قالغاندەك بولدۇم» دېدىم.
‏18 شۇ ئىنسانغا ئوخشايدىغان كىشى يەنە ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ، مېنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ‏19 ماڭا: «قورقمىغىن، ئەي ئەزىز ئادەم! ئامانلىق ساڭا بولغاي! جۈرەتلىك بولغىن، ئەمدى جۈرەتلىك بولغىن» دېدى. ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا مەن يەنە كۈچ-قۇۋۋەت تېپىپ، ئۇنىڭغا: «ئەي خوجام، سۆز قىلغىن، چۈنكى سەن مېنى قۇۋۋەتلەندۈردۈڭ» دېدىم.
‏20 ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن يېنىڭغا كەلگىنىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى پارسنىڭ ئەمىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى قايتىپ بارىمەن ۋە بارغىنىمدا، مانا، يۇناننىڭ ئەمىرى كېلىدۇ. ‏21 لېكىن ئاۋۋال ھەقىقەت يازمىلىرىدا نېمە پۈتۈلگىنىنى ساڭا دەپ بېرەي. ئەمما سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائەلدىن باشقا ئۇلارغا قارشى ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.