دانىيالنىڭ دۇئاسى
9
‏1 كالدىيلارنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ بولغان مېدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىيۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا،    ‏2 يەنى ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بىلدۈرگەن سۆزى بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ۋەيرانچىلىقتا تۇرىدىغان ۋاقتى توشقۇچە ئۆتىدىغان يىللارنىڭ سانى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدىم. ‏3 شۇنىڭ بىلەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ۋە بۆز رەختكە يۆگىنىپ كۈلگە مىلىنىپ روزا تۇتۇش بىلەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلدىم. ‏4 مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم:
«ئەي ئىگەم، ئەھدەڭنى ساقلىغۇچى، سېنى سۆيگەنلەرگە ۋە ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلغۇچىلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق خۇدا! ‏5 بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، خاتالىشىپ يامانلىق قىلدۇق. سېنىڭ ئەمر-ئەھكاملىرىڭدىن چىقىپ كەتكىنىمىز بىلەن ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق. ‏6 بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىزغا، باشلىقلىرىمىزغا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋە زېمىندىكى ھەممە خەلققە سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغان خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە قۇلاق سالمىدۇق.
‏7 ئەي ئىگەم، سەندە ئادالەت بار. لېكىن مەيلى يېقىن تۇرىدىغانلار بولسۇن، مەيلى ساڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن سېنىڭ تەرىپىڭدىن ھەيدىلىپ كېتىپ ھەممە يىراق يەرلەردە تۇرىدىغانلار بولسۇن، بىز، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەرمەندىچىلىكتە قالدۇق.
‏8 ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ يۈزىمىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، باشلىقلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈزى شەرمەندە بولدى.
‏9 لېكىن بىز ئىگىمىز خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدا رەھىم-شەپقەت ۋە مەغپىرەتلەر بار. ‏10 ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بەرگەن قانۇنلىرى بويىچە ماڭمىدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدۇق. ‏11 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سېلىشنى شالىماي، تەۋرات قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ ئېزىقىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ۋە قەسەمدىكى جازالار بېشىمىزغا كەلدى. چۈنكى خۇداغا قارشى گۇناھ قىلدۇق.    ‏12 ئۇ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغان ھاكىملارغا قارشى ئېيتقان سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىزگە چوڭ بالايىئاپەت كەلتۈردى، چۈنكى يېرۇسالېمدا بولغان ۋەقە ئەزەلدىن ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھېچ يەردە بولۇپ باقمىغانىدى. ‏13 مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا كەلگەن بولسىمۇ، بىز گۇناھلىرىمىزدىن يېنىپ، ھەقىقىتىڭنى ئىزدەش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلمىدۇق. ‏14 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار بالايىئاپەتنى تەييارلاپ قويۇپ، بېشىمىزغا چۈشۈردى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھەممە قىلغان ئەمەللىرىدە ئادىلدۇر، لېكىن بىز ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدۇق.
‏15 ئەمدى ئەي ئىگىمىز، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىز قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە مەشھۇر بولغان نام-شۆھرەت قازاندىڭ. بىز بولساق گۇناھ قىلىپ يامانلىق قىلدۇق. ‏16 ئەي ئىگىمىز، پۈتۈنلەي ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئاساسىدا، سەن قەھرىڭ ۋە غەزىپىڭنى شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن ياندۇرغايسەن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خاتالىقلارى سەۋەبىدىن يېرۇسالېم ۋە سېنىڭ خەلقىڭ ئەتراپىمىزدىكى ھەممە خەلقلەر تەرىپىدىن ھاقارەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
‏17 ئەمدى، ئەي خۇدايىمىز، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىغىن. ئەي ئىگەم، ۋەيران بولغان مۇقەددەس جايىڭنىڭ ئۈستىگە يۈزۈڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. ‏18 ئەي خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغىن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ ۋەيران بولغىنىمىزغا نەزەر سالغىن. ئۆز نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرگە قارىغىن. بىزنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ چوڭ رەھىم-شەپقىتىڭنى كۆزلەپ ئىلتىجالىرىمىزنى سېنىڭ ئالدىڭدا قويىمىز.
‏19 ئەي ئىگىمىز، ئاڭلىغىن! ئەي ئىگىمىز، ئەپۇ قىلغىن! ئەي ئىگىمىز، نالىمىزغا قۇلاق سېلىپ، ھەرىكەت قىلغىن. ئەي خۇدايىم، ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ھايال بولمىغىن، چۈنكى سېنىڭ شەھىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ بىلەن ئاتالغان».
 
يەتمىش خەپتە توغرىسىدىكى بايان
‏20 مەن شۇنى ئېيتىپ دۇئا قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ئۆز خەلقىمنىڭ گۇناھىنى ئىقرار قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئالدىدا خۇدايىمنىڭ تېغى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىۋاتقىنىمدا، ‏21 تېخى دۇئايىمدا مۇنداق دەۋاتقىنىمدا، جەبرائىل، يەنى ئىلگىرى مەن ۋەھىيدە كۆرگەن كىشى ئاخشام قۇربانلىقىنىڭ ۋاقتىدا ئىلدام ئۈچۈپ كېلىپ، ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى. ‏22 ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، سېنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ چۈشەنچە بەرگىلى چىقىپ كەلدىم. ‏23 ئىلتىجا قىلىشقا باشلىغىنىڭدا جاۋاب سۆزى چىقتى ۋە مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزگىلى كەلدىم، چۈنكى ئىنتايىن ئەزىز ئىكەنسەن. ئەمدى بۇ سۆزنى ئويلاپ، ۋەھىينى چۈشىنىپ يېتىشىگە كۆڭۈل قويغىن.
 
‏24 ئاسىيلىقنى تۈگىتىش، گۇناھلارنى يوقىتىش، يامانلىق ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك بىر ئادالەت ئورنىتىش، ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىك سۆزىنى مۆھۈرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينى پاكلاپ مەسىھلەش ئۈچۈن سېنىڭ خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە يەتمىش ھەسسە ‹يەتتە مەزگىل› بېكىتىلگەندۇر.    ‏25 ئەمدى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن دېگەن پەرماننىڭ چىققىنىدىن تارتىپ مەسىھ بولغان ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە ‹يەتتە مەزگىل› ۋە يەنە ئاتمىش ئىككى ھەسسە ‹يەتتە مەزگىل› ئۆتۈپ كېتىدۇ. جاپا-مۇشەققەتلىك دەۋىرلەردە شەھەر ۋە ئۇنىڭ مەيدانى بىلەن خەندەكلىرى قايتا قۇرۇلىدۇ.
‏26 ئەمما بۇ ئاتمىش ئىككى ھەسسە ‹يەتتە مەزگىل›دىن كېيىن مەسىھ بولچۇچى يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ھېچنېمە قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن مەيدانغا چىقىدىغان بىر ئەمىرنىڭ خەلقى كېلىپ، شەھەر بىلەن مۇقەددەس جاينى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىر كەلكۈننىڭ بېسىپ كېلىشىدەك بولىدۇ. ئاخىرغىچە جەڭلەر ۋە ۋەيرانچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى بېكىتىلگەندۇر.    ‏27 ئۇ ئەمىر ‹يەتتە مەزگىل›لىك ۋاقىتتا كۆپلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ‹يەتتە مەزگىل›لىك ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇربانلىق قىلىش ۋە ھەدىيە كەلتۈرۈشنى توختىتىۋېتىدۇ. ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى يىرگىنچلىكلەرنىڭ قانىتىغا مىنىپ كېلىدۇ. بېكىتىلگەن ھۆكۈم ۋەيرانچىلىق قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلگۈچە، بۇ ئەھۋال داۋام قىلىدۇ.