قوچقار بىلەن تېكە توغرىسىدىكى ۋەھىي
8
1 بەلشازار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، مەن دانىيالغا ماڭا ئىلگىرى كەلگەن ۋەھىيدىن كېيىن يەنە بىر ۋەھىي كەلدى. 2 بۇ ۋەھىيدە ئۆزۈمنى ئېلام ۋىلايىتىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. ۋەھىيدە ئۆزۈمنىڭ ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ بويىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمنى كۆردۈم. 3 مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقار ئۆستەڭنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئۇزۇن ئىدى، لېكىن بىرى يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى ۋە ئېگىزرەكى يەنە بىرىدىن كېيىن پەيدا بولۇپ چىققانىدى. 4 مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپكە مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچبىر ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ۋە ھېچكىم ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەنلەرنى قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، يوغىناپ كۆرەڭلەپ كېتتى.
5 سەپسېلىپ قارىغىنىمدا، مانا، بىر تېكە غەرب تەرەپتىن كېلىپ، يەرگە تەگمەي پۈتۈن يەر يۈزىدىن ئۆتۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر مۈڭگۈز بار ئىدى. 6 ئۇ مەن كۆرگەن ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى. 7 مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ قەھرى-غەزەپ بىلەن قوچقارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇردى. قوچقاردا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ھېچ كۈچ-قۇۋۋەت قالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئۈستىگە دەسسىدى. ھېچكىم قوچقارنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمىدى.
8 بۇ تېكە ناھايىتى يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتى، لېكىن ئۇ كۆپ كۈچ تاپقاندا ئۇنىڭ يوغان مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئاسماننىڭ تۆت شامال يۆنىلىشىگە يۈزلەنگەن، دىققەت تارتىدىغان تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.
9 ئۇلارنىڭ بىرىدىن يەنە كىچىك بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقىپ، ناھايىتى چوڭ بولۇپ، جەنۇب تەرەپكە، شەرق تەرەپكە ۋە گۈزەل زېمىننىڭ تەرىپىگە كېڭىيىپ كەتتى. ■ 10 ئۇ ئۆسۈپ يوغىناپ، ساماۋى قوشۇنغىچە يېتىپ، شۇ قوشۇندىن ۋە يۇلتۇزلاردىنمۇ بىرنەچچىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى. 11 ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى خۇداغا قارشى يوغانچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىنى ۋەيران قىلدى. 12 ئاسىيلىق سەۋەبىدىن بىر قوشۇن كۈندىلىك قۇربانلىققا قارشى تۇرغۇزۇلدى. ئۇ ھەقىقەتنى دەپسەندە قىلىپ، ھەر ئىشىدا ئۇتۇقلۇق بولدى.
13 ئاندىن كېيىن مەن بىر مۇقەددەس پەرىشتىنىڭ سۆز قىلغىنىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر مۇقەددەس پەرىشتە سۆز قىلغان پەرىشتىدىن: «بۇ ۋەھىيدە كۈندىلىك قۇربانلىق، ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاسىيلىق ۋە مۇقەددەس جاي بىلەن ساماۋى قوشۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى توغرىسىدا كۆرسىتىلگەن ۋەقەلەر قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» دەپ سورىدى.
14 ئۇ ماڭا: «ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاخشام ۋە سەھەر ئۆتۈپ بولغۇچە. ئاندىن كېيىن مۇقەددەس جاي پاكلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
15 مەن دانىيال شۇ ۋەھىينى كۆرۈپ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئالدىمدا تۇردى. 16 ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: «ئەي جەبرائىل، بۇ كىشىگە بۇ ۋەھىينى چۈشەندۈرۈپ بەرگىن» دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 17 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەن تۇرغان يەرگە يېقىن كەلدى. ئۇ يېقىن كەلگەندە مەن قورقۇپ كېتىپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ بېشىمنى ئەگدىم. ئۇ ماڭا: «ئەي ئادەم بالىسى، بىلگىنكى، بۇ ۋەھىي ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر» دېدى. 18 ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا مەن ھوشۇمدىن كېتىپ، يەردە دۈم ياتتىم، لېكىن ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ، مېنى تۇرغۇزۇپ قويدى.
19 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «مانا، مەن ساڭا شۇ شىددەتلىك غەزەپنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشقاندا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەي. چۈنكى بۇ ۋەھىي بېكىتىلگەن ۋاقىتتا كېلىدىغان ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر.
20 سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىيا بىلەن پارس پادىشاھلىرىدۇر. 21 ئۇ تېكە بولسا يۇنان پادىشاھى ۋە كۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يوغان مۈڭگۈز ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر. 22 مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكىنى ۋە ئورنىغا تۆت مۈڭگۈزنىڭ پەيدا بولۇپ چىققىنىنىڭ مەنىسى شۇكى، بۇ ئەلدىن تۆت پادىشاھلىق پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئۇلار بىرىنچىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ. 23 بۇلارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتكەندە، باغرى قاتتىق ۋە ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. 24 ئۇ قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۆز كۈچى بىلەن ئەمەس. ئۇ ئاجايىپ تەرىقىدە ھالاكەت ئېلىپ كېلىپ، بارلىق ئىشلىرىدا ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى، ھەم مۇقەددەس خەلكنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. 25 ئۆز ھىيلە-مىكىر ئۇستىلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئالدامچىلىقى روناق تېپىپ، كۆڭلىدە ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇ تىنچ-ئامانلىقتا ياشايدىغانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇنلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇ ھەتتە ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرىگىمۇ قارشى چىقىدۇ. ئۇ ئاخىرى ھالاك قىلىنىدۇ، لېكىن ئىنسان قولى بىلەن ئەمەس. ■
26 بايان قىلىنغان ئاخشام ۋە سەھەرلەر توغرىسىدىكى بۇ ۋەھىي راستتۇر. ئەمما سەن بۇ ۋەھىينى سىر ساقلاپ تۇرغىن، چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەردىن كېيىنكى زامان توغرىسىدىدۇر» دېدى.
27 مەن دانىيال ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرنەچچە كۈن كېسەل بولۇپ ياتتىم. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. ئەمما بۇ ۋەھىي مېنى ھەيران قالدۇردى، لېكىن ھېچكىم بۇنى سەزمىدى.