دانىيالنىڭ تۆت چوڭ مەخلۇق توغرىسىدا كۆرگەن چۈشى
7
1 بابىلنىڭ پادىشاھى بەلشازارنىڭ بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا ياتاۋاتقاندا، بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىدە بىرنەچچە ۋەھىي كۆردى. ئۇ چۈشنى يەكۈنلەپ يېزىپ قويدى. 2 دانىيال مۇنداق دەپ خاتىرىلىۋالدى: «مانا، كېچىدىكى ۋەھىيدە كۆردۈمكى ئاسماننىڭ تۆت شامىلى چوڭ دېڭىز سۈيىنى داۋالغۇتۇپ تۇراتتى. 3 دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت چوڭ مەخلۇق چىقتى.
4 بىرىنچىسى بىر شىرغا ئوخشىدى، لېكىن بۈركۈتنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى. قاراپ تۇرغىنىمدا قاناتلىرى ئۇنىڭدىن يۇلۇندى ۋە ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ ئادەمدەك ئىككى پۇتقا ئۆرە تۇرغۇزۇلدى. ئۇنىڭغا ئىنسان كۆڭلى بېرىلدى.
5 كارىسام مانا، ئېيىققا ئوخشايدىغان يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى، بىر يېنى بىلەن قوپتى. ئۇ ئاغزىدا چىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۈچ قوۋۇرغا تۇتۇقلۇق تۇراتتى. شۇ مەخلۇققا: ‹قوپۇپ، كۆپ گۆش يېگىن› دەپ ئېيتىلدى.
6 ئاندىن كېيىن قارىسام، مانا، يىلپىزغا ئوخشاش يەنە بىر مەخلۇق كۆردۈم. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قاناتلىرى بار ئىدى ۋە بۇ مەخلۇقنىڭ تۆت بېشى بار ئىدى. ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلدى.
7 ئاندىن كېيىن كېچىدىكى ۋەھىيدە، مانا، تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولغىنىنى كۆردۈم. ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىپ كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بار ئىدى. ئۇ تۇتقىنىنى چايناپ ئېزىپ، قالغىنىنى پۇت ئاستىدا دەسسەيتتى. ئۇ ئىلگىرىكى بارلىق مەخلۇقلاردىن باشقىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. 8 مەن مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچ دانە، يىلتىزلىرى بىلەن يۇلۇۋېتىلدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزلىرى ۋە يوغان سۆزلەيدىغان بىر ئاغزى بار ئىدى.
9 مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، بىرنەچچە تەختلەر قويۇلدى ۋە ئەزەلدىن بار بولغۇچى تەختكە ئولتۇردۇ. ئۇنىڭ لىباسى قاردەك ئاق ئىدى ۋە بېشىنىڭ چاچلىرى پاك يۇڭدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنلىرىدىن ئىدى ۋە چاقلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. 10 ئوت ئۇنىڭ ئالدىدىن دەريادەك ئېقىپ تۇردى. مىڭلارنىڭ مىڭلىرىچە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى ۋە تۈمەنلەرنىڭ تۈمەنلىرىچە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ چاغدا سوراق باشلاندى ۋە كىتابلار ئېچىلدى.
11 مەن ھېلىقى مۈڭگۈز قىلغان يوغان گەپلەرنىڭ سەۋەبىدىن نەزەر سېلىپ تۇردۇم. قاراپ تۇرغىنىمدا شۇ مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ۋەيران قىلىنىپ يالقۇنلاۋاتقان ئوتقا تاشلاندى. 12 باشقا مەخلۇقلاردىنمۇ سەلتەنىتى تارتىۋېلىندى، لېكىن مەلۇم ۋاقىت-زامانغىچە ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزارتىلدى.
13 مەن كېچىدىكى ۋەھىيدە، مانا، ئاسماندىكى بۇلۇتلاردا ئىنسانئوغلىغا ئوخشاش بىرى كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن بار بولغۇچىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. 14 ئۇنىڭغا سەلتەنەت، شان-شەرەپ ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلىندى ۋە ھەممە ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملار ئۇنىڭغا خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەرگىز يوقالمايدىغان مەڭگۈلۈك سەلتەنەت بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولمايدۇ.
15 مەن دانىيال ئىچىمدىكى روھىمدا بىئارام بولۇپ، ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەردىن چۆچۈپ-قورقۇپ كەتتىم. 16 مەن ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بىرىگە بېرىپ: ‹بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە ئىكەن؟› دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
17 ‹بۇ تۆت چوڭ مەخلۇق يەر يۈزىدە مەيدانغا چىقىدىغان تۆت پادىشاھتۇر. 18 لېكىن ئاندىن كېيىن ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىقنى قوبۇل قىلىپ، تا ئەبەدكىچە، دەرۋەقە ئەبەدىلئەبەد پادىشاھلىققا ئىگە بولىدۇ› دېدى.
19 مەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ مەنىسىنى، يەنى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، تۆمۈر چىشلىرى ۋە مىس تىرناقلىرى بار، تۇتقىنىنى چايناپ ئېزىپ، قالغىنىنى ئاياغ ئاستىدا دەسسىگەن مەخلۇقنىڭ مەنىسىنى بىلىشنى خالىدىم. 20 ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزى ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان، ئالدىدا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن مۈڭگۈز، يەنى كۆزلىرى بار، ئاغزى بىلەن يوغان سۆزلەيدىغان، باشقىلىرىدىن ھەيۋەتلىك بولغان مۈڭگۈزنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلىشنى خالىدىم. 21 قاراپ تۇرغىنىمدا ئۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىۋاتاتتى. 22 ئەزەلدىن بار بولغۇچى كەلگەندە ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئېلىپ كېلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىققا ئىگە بولىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگۈچە، بۇ ئەھۋال داۋام قىلدى.
23 ماڭا چۈشەندۈرۈش بەرگۈچى مۇنداق دېدى: ‹تۆتىنچى مەخلۇق باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدىغان، يەر يۈزىدە مەيدانغا چىقىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىقتۇر. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يەپ يۇتۇپ، ئۇنى دەسسەپ پارە-پارە قىلىدۇ. 24 ئون مۈڭگۈز بولسا بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكىلىرىدىن باشقىچە بولۇپ، ئۈچ پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىپ بويسۇندۇرىدۇ. 25 ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا قارشى يوغان گەپ قىلىپ، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە زۇلۇم سېلىپ، ۋاقىتلار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. بۇلار بولسا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىلگىچە ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ■ 26 ئاندىن سوراق باشلىنىدۇ ۋە سەلتەنىتى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنىپ، ۋەيران قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ. 27 ئەمما ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھەممە پادىشاھلىق، سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بىر پادىشاھلىق بولىدۇ ۋە ھۆكۈمدار كۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ بويسۇنىدۇ› دېدى.
28 بايان بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن دانىيال بولسام، ئويلىرىمدىن بىئارام بولۇپ، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. لېكىن بۇ ئىشنى كۆڭلۈمدە ساقلىدىم».