دانىيال شىرلار ئۆڭكۈرىدە
6
1 مېدىيالىق دارىيۇس پادىشاھلىقنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا ئۇ ئاتمىش ئىككى ياشلاردا ئىدى. 2 مېدىيالىق دارىيۇس بىر يۈز يىگىرمە ئەمىرنى پادىشاھلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى. 3 ئۇ ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئۈچ ۋەزىر تەيىنلەپ قويدى. بۇلارنىڭ بىرى دانىيال ئىدى. پادىشاھ زىيان تارتماسلىقى ئۈچۈن، ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىشلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. 4 ئەمما دانىيالدا ئالاھىدە روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا ۋەزىرلەردىن ۋە ئەمىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويماقچى بولدى. 5 بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەر پادىشاھلىق ئىشلىرى توغرىسىدا دانىيالنى ئەيىبلەش ئۈچۈن باھانە-سەۋەب ئىزدىدى، لېكىن ئۇلار نە باھانە-سەۋەب، نە بىرەر سەۋەنلىك ئۇنىڭدا تاپالمىدى، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىك بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق خاتالىق ياكى سەۋەنلىك تېپىلمىدى. 6 بۇ كىشىلەر: «ئەگەر ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا باغلىق بىر نېمە تاپمىساق، بۇ دانىيالنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە-سەۋەب تاپالمايمىز» دېيىشتى. 7 شۇڭا ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەر تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەي پادىشاھ دارىيۇس، مەڭگۈ ياشىغايسەن. 8 بىز، يەنى پادىشاھلىقتىكى ھەممە ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ئەمىرلەر، مەسلىھەتچىلەر ۋە ھاكىملار مەسلىھەتلىشىپ پادىشاھ تەرىپىدىن ئەمر چۈشۈرۈلۈشىگە كېلىشتۇق، يەنى: ‹كىمكى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە، ئەي پادىشاھ، سەندىن، باشقا بىر ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا-تىلاۋەت قىلسا، شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن› دەيدىغان قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈلسۇن. 9 ئەمدى، ئەي پادىشاھ، بۇ پەرماننى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا قول قويغىن. شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەتسىز بولالمايدىغان مېدىيالىقلار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى بويىچە بۇ پەرمان ئۆزگەرتىلەلمەيدۇ». 10 شۇنىڭ بىلەن دارىيۇس پادىشاھ پۈتۈككە قول قويۇپ پەرماننى چۈشۈردى.
11 ئەمما دانىيال پۈتۈككە قول قويۇلغىنىدىن خەۋەر تاپقاندا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ كىردى. بالىخانىسىنىڭ دېرىزىلىرى يېرۇسالېمنىڭ تەرىپىگە ئوچۇق ئىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئىلگىرىمۇ قىلغاندەك كۈندە ئۈچ قېتىم تىزلىنىپ، ئۆز خۇداسىغا دۇئا قىلىپ شۈكۈر ئېيتىۋەردى.
12 ئەمما ھېلىقى كىشىلەر يىغىلىپ كېلىپ، دانىيالنىڭ ئۆز خۇداسىغا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. 13 ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پادىشاھلىق پەرمانى توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: «ئەي پادىشاھ، ‹كىمكى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە سەندىن باشقا بىر ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا-تىلاۋەت قىلسا، شىرنىڭ ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن› دېگەن پەرمان چۈشۈرمىدىڭمۇ؟» دېدى. پادىشاھ جاۋاب بېرىپ: «دەرۋەقە شۇنداق، ۋە بۇ پەرمان ئىناۋەتسىز بولالمايدىغان مېدىيالىقلار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى بويىچە ئۆزگەرتىرىلەلمەيدۇ» دېدى. 14 ئۇلار پادىشاھقا: «يەھۇدا زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ بىرى، يەنى دانىيال، نە سېنى، نە سەن قول قويغان پەرماننى ئېتىبار قىلماي، بەلكى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئاسىنى ئوقۇۋاتىدۇ» دېدى. 15 پادىشاھ بۇنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن غەمكىن بولدى. ئۇ چىن دىلدىن دانىيالنى قۇتقۇزۇشنى خالاپ، كۈن ئولتۇرغۇچە ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. 16 ئەمما ئۇ كىشىلەر بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، پادىشاھقا: «ئەي پادىشاھ، مېدىيالىقلار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى بويىچە پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرمان ياكى ئەمر ھېچ ئۆزگەرتىلەلمەيدىغىنىنى بىلىسەنغۇ!» دېدى. 17 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىشى بۇيرۇدى ۋە ئۇ شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. ئەمما پادىشاھ دانىيالغا: «سەن ھەمىشە ئىبادەت قىلغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزسۇن» دېدى. 18 ئۇلار بىر قورام تاش ئېلىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا قويغاندىن كېيىن دانىيال ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئۆزگەرتىرىلمىسۇن دەپ، پادىشاھ ئۆز مۆھۈرىنى ۋە ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرىنىمۇ تاشقا باستى.
19 ئاندىن كېيىن پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپ، كېچىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزدى ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا ھېچنېمە ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەلتۈرمىدى. كېچىچە ئۇنىڭ ھېچ ئۇيقۇسى كەلمىدى. 20 ئەتىسى پادىشاھ تاڭ ئاتقاندا قوپۇپ، ئالدىراپ شىر ئۆڭكۈرىگە بېرىپ، 21 ئۆڭكۈرنىڭ يېنىغا كەلگەندە غەمكىن ئاۋاز بىلەن دانىيالنى چاقىردى. پادىشاھ دانىيالغا: «ئەي تىرىك خۇدانىڭ خىزمەتكارى دانىيال، سەن ھەمىشە ئىبادەت قىلغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟» دېدى. 22 دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «ئەي پادىشاھ، مەڭگۈ ياشىغايسەن. 23 مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى، چۈنكى مەن خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ئىدىم. سېنىڭ ئالىدىمۇ، ئەي پادىشاھ، ھېچبىر خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم» دېدى.
24 پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: «دانىيالنى ئۆڭكۈردىن چىقىرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. دانىيال ئۆڭكۈردىن چىقىرىلغىنىدا ئۇنىڭدا ھېچقانداق يارا-زەخمەت تېپىلمىدى، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. 25 ئاندىن كېيىن پادىشاھ: «دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئادەملەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلاڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئۇلار ئۆڭكۈرنىڭ تېگىگە يەتمەستە شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ، ھەممە سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇپ ئېزىۋەتتى.
26 ئاندىن كېيىن دارىيۇس پادىشاھ پۈتۈن يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملارغا مۇنداق خەت يازدى:
«ئامان-ئېسەنلىك سىلەرگە يار بولسۇن. 27 مەندىن شۇ ئەمر چىقتىكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ ھەربىر ۋىلايىتىدە ھەممە ئادەملەر دانىيالنىڭ خۇداسىدىن قورقۇپ تىترىسۇن، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى يوقالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئەبەدىلئەبەدكىچە بولىدۇ. 28 ئۇ قۇتقۇزۇپ نىجاتلىق بېرىدۇ. ئۇ ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە كارامەتلەر كۆرسىتىدۇ ۋە مۆجىزىلەر يارىتىدۇ. ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى».
29 دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتى ۋە پارس كورەشنىڭ سەلتەنىتى دەۋرىدە دانىيالنىڭ يولى راۋان بولدى.