تامغا پۈتۈلگەن خەت
5
1 پادىشاھ بەلشازار ئۆزىنىڭ مىڭچە ئالىي ئەمەلدارلىرىغا چوڭ بىر زىياپەت بەردى. ئۇ شۇ مىڭ كىشى ئالدىدا شاراب ئىچتى. 2 بەلشازار شاراب ئىچىپ تۇرۇپ، ئاتىسى نېبۇكادنەزار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈش پىيالە-قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى، خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى بىلەن بۇلاردىن ئىچمەكچى بولدى. ■ 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ بەيتىدىن، يەنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن پىيالە-قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ، ئالىي ئەمەلدارلىرى، خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى بۇلاردىن ئىچىشتى. 4 ئۇلار شاراب ئىچىپ ئۆزىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان بۇتلىرىنى داڭلاپ ئولتۇرغىنىدا،
5 تۇيۇقسىز ئادەم قولىنىڭ بارماقلىرى كۆرۈنۈپ، چوڭ چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدا پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاقارتىلغان تېمىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ،
6 قاتتىق بىئارام بولدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى بوشىشىپ، تىزلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇشقۇدەك تىترەپ كەتتى. 7 پادىشاھ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ: «مۇنەججىملەر، كالدىيلار ۋە پالچىلار ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەندە پادىشاھ ئۇلارغا: «كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلىدۇ» دېدى. ■
8 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرى كىردى. لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمىدى، نە مەنىسىنى پادىشاھقا يېشىپ بېرەلمىدى. 9 بۇنىڭ ئۈچۈن بەلشازار پادىشاھ تېخىمۇ چۆچۈپ-قورقۇپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىمۇ گاڭگىراپ قالدى.
10 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالغان خانىش زىياپەتخانىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: «ئەي پادىشاھ، مەڭگۈ ياشىغايسەن! خىياللىرىڭ سېنى پەرىشان قىلمىسۇن ۋە چىرايىڭ تاتىرىپ كەتمىسۇن. ■ 11 سېنىڭ مەملىكىتىڭدە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار بىر ئادەم بار. سېنىڭ ئاتاڭنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭدا ئىلاھلارنىڭ ھېكمىتىگە ئوخشاش پەم، ئەقىل ۋە ھېكمەت تېپىلاتتى. سېنىڭ ئاتاڭ پادىشاھ نېبۇكادنەزار ئۇنى سېھىرگەرلەر، مۇنەججىملەر، كالدىيلار ۋە پالچىلارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 12 چۈنكى ئۇ كىشىدە، يەنى پادىشاھ بەلتشازار نام قويغان دانىيالدا ئالاھىدە روھىي خۇسۇسىيەت بار ئىدى. ئۇنىڭدا چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە، سىرلار ئېچىشقا ۋە مۈشكۈل نەرسىلەرنى يېشىشكە بىلىم ۋە ھېكمەت بار ئىدى. ئەمدى شۇ دانىيالنى چاقىرتقىن. ئۇ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ» دېدى.
13 شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. پادىشاھ دانىيالغا: «مېنىڭ ئاتام پادىشاھ يەھۇدا زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىيلاردىن بولغان دانىيال بولامسەن؟ 14 ئاڭلىشىمچە، سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. سەندە پەم، ئەقىل ۋە ناھايىتى ئۇلۇغ ھېكمەت بار ئىكەن. 15 ئەمدى خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا يېشىش ئۈچۈن دانىشمەنلەر ۋە سېھىرگەرلەر مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئۇلار سۆزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى. 16 ئەمما سەن تەبىر بېرىشكە ۋە مۈشكۈل نەرسىلەرنى يېشىشكە قابىلىيىتىڭ بار دەپ ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن خەتلەرنى ئوقۇپ ماڭا مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينۇڭغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلىسەن» دېدى.
17 دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سوۋغاتلىرىڭ ئۆزۈڭدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىڭنى باشقىسىغا بەرگەيسەن. لېكىن مەن پادىشاھقا خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي.
18 ئەي پادىشاھ، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئاتاڭ نېبۇكادنەزارگە پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت ئاتا قىلغانىدى. 19 ئۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنىڭ سەۋەبىدىن ھەممە ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقاتتى. ئۇ كىمنى خالىسا ئۆلتۈرەتتى ۋە كىمنى خالىسا تىرىك قالدۇراتتى، كىمنى خالىسا ئۇلۇغ قىلاتتى ۋە كىمنى خالىسا پەس قىلاتتى. 20 ئەمما ئۇ كۆڭلىدە يوغانچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەندە ئۇ پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، شان-شەرىپى ئۇنىڭدىن ئېلىندى. 21 ئۇ ئادەملەر قاتارىدىن چىقىرىلىپ، كۆڭلى ھايۋانلارنىڭكىدەك بولدى. ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى، پادىشاھلىقلارغا ئۆزى تاللىغان كىشىنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچە ئۇنىڭ ماكانى ياۋا ئېشەكلەر ئارىسىدا ئىدى. ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يېدى ۋە بەدىنى شەبنەمدىن ھۆل بولدى.
22 لېكىن سەن، ئەي بەلشازار، ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتماي، ■ 23 بەلكى ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىپ، ئەرشنىڭ ئىگىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ بەيتىنىڭ پىيالە-قەدەھلىرىنى ئېلىپ كەلتۈردۈڭ. سەن ئۆزۈڭ، ئالىي ئەمەلدارلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ ۋە كېنىزەكلىرىڭ شۇلاردىن ئىچىپ، نە كۆرمەيدىغان، نە ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمە بىلمەيدىغان كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان بۇتلارنى داڭلىدىڭ. لېكىن ئۆز قولىدا ھاياتىڭ تۇتقان، ھەممە يوللىرىڭغا ئىگە بولغان خۇداغا شان-شەرەپ بەرمىدىڭ. 24 شۇڭا ئۇنىڭ تەرىپىدىن بۇ قول ئەۋەتىلىپ بۇ خەتلەر يېزىلدى.
25 يېزىلغان خەتلەر شۇكى: ‹مېنە، مېنە، تەكەل ئۇ پارسىن›. ■
26 بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى،
‹مېنە› — خۇدا پادىشاھلىقىڭنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، سەلتەنىتىڭنى ئاياغلاشتۇردى،
27 ‹تەكەل› — تارازىدا تارتالدىڭ، يېنىك چىقتىڭ،
28 ‹پەرەس› — پادىشاھلىقىڭ بۆلۈنۈپ، مېدىيالىقلار ۋە پارسلارغا بېرىلدى».
29 شۇنىڭ بىلەن بەلشازارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ: «ئۇ پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن» دەپ جاكارلاندى.
30 شۇ كېچىدىلا كالدىيلارنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى.