نېبۇكادنەزارنىڭ ئېگىز دەرەخ توغرىسىدا كۆرگەن چۈشى
4
1 مەن نېبۇكادنەزار ئوردامدا ھەشەمەتلىك ياشاۋاتقان چاغدا ئۆز ئۆيۈمدە راھەت ئولتۇرغىنىمدا، 2 مېنى قورقۇتقان بىر چۈشنى كۆردۈم. ئورنۇمدا ياتاۋاتقاندا خىياللىرىم ۋە ماڭا كەلگەن غايىبانە ئالامەتلەر مېنى پەرىشان قىلدى. 3 شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشنىڭ تەبىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەرسۇن دەپ، بابىلدىكى ھەممە دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرتتىم. 4 شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر، مۇنەججىملەر، كالدىيلار ۋە پالچىلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. 5 ئاخىر مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بەلتشازار دېگەن دانىيال ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. مەن ئۇنىڭغا چۈشنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدىم:
6 «ئەي پالچى-سېھىرگەرلەرنىڭ بېشى بەلتشازار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بولغىنىنى، ھېچبىر سىرنى يېشىش ساڭا تەس كەلمىگىنىنى بىلىمەن. ئەمدى چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنىڭ تەبىرىنى دەپ بەرگىن.
7 مەن ئورنۇمدا ياتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى: قارىسام، مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دەرەخ تۇردى. ئۇ ناھايىتى ئېگىز ئىدى. 8 بۇ دەرەخ يوغىنىپ مۇستەھكەم بولدى. ئۇنىڭ ئۇچى ئاسمانغىچە تاقاشتى. ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە كۆرۈنگۈدەك بولدى. 9 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى مول بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايە تاپاتتى، ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلايتتى ۋە بارلىق جانلىقلار ئۇنىڭدىن رىزقىنى تاپاتتى. ■
10 ئورنۇمدا يېتىپ، غايىبانە ئالامەتلەردە كۆرگىنىمنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگىنىمدە، مانا، ئاسماندىن بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشكىنىنى كۆردۈم. 11 ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاپ مۇنداق دېدى: ‹دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى قېقىۋېتىپ، مېۋىلىرىنى ئىرغىتىپ چېچىۋېتىڭلار. ئۇنىڭ ئاستىدىكى ھايۋانلار قېچىپ كەتسۇن، شاخلىرىدىكى قۇشلارمۇ ئۇچۇپ كەتسۇن. 12 لېكىن كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىنى تۆمۈر ۋە مىس بىلەن چەمبەرلەنگەن ھالدا دالادىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەمدىن ھۆل بولۇپ، يەرنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە نېسىۋىسى بولسۇن. 13 ئۇنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ، ئادەمنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھايۋاننىڭكىدەك بولسۇن. شۇ ھالەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەتتە مەزگىل ئۆتسۇن. ■ 14 ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئۆزى پادىشاھلىقلارنى ئۆزى تاللىغان ئادەمگە، ھەتتە ھەممىدىن مىسكىن ئادەمگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەملەر بىلسۇن دەپ، پەرىشتىلەرنىڭ پەرمانى بىلەن، مۇقەددەسلەرنىڭ ھۆكۈمى بىلەن شۇنداق بەلگىلەنگەندۇر›.
15 بۇ مەن، پادىشاھ نېبۇكادنەزار، كۆرگەن چۈش ئىدى. ئەمدى سەن، ئەي بەلتشازار، تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگىن، چۈنكى پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەرنىڭ ھېچبىرى ماڭا تەبىرىنى بىلدۈرەلمىدى، لېكىن سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بولغاچقا، سەن تەبىرىنى بېرەلەيسەن».
16 بەلتشازار دېگەن دانىيال بىر مۇددەتچە ھەيران تۇرۇپ، ئۆز خىياللىرىدىن بىئارام بولدى. لېكىن پادىشاھ: «ئەي بەلتشازار، چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى بىئارام قىلمىسۇن» دېدى. بەلتشازار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەي غوجام، كاشكى چۈش سېنى يامان كۆرگۈچىلەر توغرىسىدا ۋە تەبىرى دۈشمەنلىرىڭ توغرىسىدا بولسا ئىدى. 17 يوغىناپ مۇستەھكەم بولغان، ئۇچى ئاسمانغىچە تاقىشىپ، يەرنىڭ چەتلىرىگىچە كۆرۈنگۈدەك بىر دەرەخ كۆردۈڭ. 18 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى مول بولۇپ، ھەممە جانىۋارلارغا ئوزۇق بولاتتى. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايە تاپاتتى ۋە ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلايتتى. 19 ئەي پادىشاھ ئۇ دەرەخ سەن ئۆزۈڭ بولىسەن، چۈنكى سەن ئۇلۇغلىنىپ قۇدرەتلىك بولدۇڭ ۋە ئۇلۇغ شان-شەرىپىڭ ئاسمانغىچە تاقاشتى. سەلتەنىتىڭ بولسا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېيىلدى. 20 ئەمما پادىشاھ بىر مۇقەددەس پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكىنىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹دەرەخنى كېسىپ ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن كۆتەك بىلەن يىلتىزلىرىنى تۆمۈر ۋە مىس چەمبەر بىلەن باغلاقلىق ھالەتتە يەرنىڭ ئوت-چۆپلىرى ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. يەتتە مەزگىل ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇ شەبنەمدىن ھۆل بولۇپ، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا ياشىسۇن› دېدى.
21 ئەي پادىشاھ، تەبىر مۇنداق: مانا بۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ غوجام پادىشاھنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن ھۆكۈمى.
22 سەن ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ماكانىڭ دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. كالىدەك ئوت-چۆپ يەيسەن ۋە شەبنەمدىن ھۆل بولىسەن. ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ پادىشاھلىقلارنى ئۆزى تاللىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى سەن ئېتىراپ قىلغۇچە ئۈستۈڭدىن يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. 23 لېكىن كۆتەك بىلەن يىلتىزلىرى يەر ئىچىدە قالدۇرۇلسۇن دېگەن بۇيرۇقنىڭ مەنىسى شۇكى، سەن سەلتەنەتنىڭ ئەرشلەرنىڭ تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىق ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلۇپ، مەزمۇت تۇرىدۇ. 24 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي پادىشاھ، سەن مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغىن: گۇناھلىرىڭدىن قول ئۇزۇپ، ھەققانىيەتلىك بىلەن ئىش قىلغىن، يامانلىقىڭدىن يېنىپ، نامراتلارغا رەھىم قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بەلكىم سائادەتلىك كۈنلىرىڭ ئۇزارار».
25 بۇنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبۇكادنەزارنىڭ بېشىغا كەلدى.
26 ئون ئىككى ئايدىن كېيىن پادىشاھ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ: 27 «مانا، ئۇلۇغ بابىلنى كۆرۈڭلار! پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولسۇن دەپ ئۇلۇغلۇقۇمنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ئۇنى زور كۈچ-قۇدرىتىم بىلەن سالدۇردۇم ئەمەسمۇ؟» دېدى.
28 شۇ گەپ پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن تېخى چىقىپ كەتمەيلە، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «ئەي پادىشاھ نېبۇكادنەزار، ساڭا مۇنداق جاكارلىنىدۇ: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى. 29 سەن ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ماكانىڭ دالادىكى ھايۋانلار ئارىسىدا بولىدۇ. كالىدەك ئوت-چۆپ يەيسەن، شەبنەمدىن ھۆل بولىسەن. ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە پادىشاھلىقلارنى ئۆزى تاللىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى سەن ئېتىراپ قىلغۇچە ئۈستۈڭدىن يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ» دېدى.
30 شۇئان بۇ نېبۇكادنەزار توغرىسىدىكى سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈت پەيلىرىدەك بولۇپ قالغۇچە ۋە تىرناقلىرى قۇشلارنىڭكىدەك ئۆسۈپ بولغۇچە ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يېدى ۋە شەبنەمدىن ھۆل بولۇپ يۈردى.
31 بۇ كۈنلەر توشقاندا مەن نېبۇكادنەزار بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم ۋە ئەقلىم جايىغا كەلدى. مەن ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈلۈك بىر سەلتەنەت ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى نەسىلدىن نەسىلگىچىدۇر. 32 مانا، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھېچنېمىدەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ساماۋى قوشۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ قولىنى توسىيالمايدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سورىيالمايدۇ.
33 شۇئانلا ئەقلىم جايىغا كەلدى. پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىممۇ ماڭا ياندۇرۇلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئالىي ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى ۋە مەن پادىشاھلىقىمغا يەنە تىكلەندىم. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭ بولدى.
34 ئەمدى مەن نېبۇكادنەزار ئەرشتىكى پادىشاھقا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممە ئەمەللىرى ھەق، ئۇنىڭ يوللىرى ئادىلدۇر. ئۇ تەكەببۇرلۇقتا ماڭغانلارنى تۆۋەن قىلىشقا قادىردۇر.