ئالتۇن ھەيكەل ۋە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمدان
3
‏1 پادىشاھ نېبۇكادنەزار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەلنى ياسىتىپ، ئۇنى بابىل ۋىلايىتىدىكى دۇرا تۈزلەڭلىكىگە تىكلەپ قويدى. ‏2 ئاندىن پادىشاھ نېبۇكادنەزار ئەمىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، سوراقچىلار ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ باشقا ھەممە ئەمەلدارلىرىنى چاقىرتىپ: «پادىشاھ تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ‏3 شۇنىڭ بىلەن ئەمىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، قانۇنچىلار ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ باشقا ھەممە ئەمەلدارلىرى پادىشاھ نېبۇكادنەزار تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يىغىلدى. ئۇلار نېبۇكادنەزار تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ‏4 بىر جاكارچى ئۈنلۈك ئاۋازدا: «ئەي ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملار، سىلەرگە مۇنداق بۇيرۇلىدۇ: ‏5 بۇرغا، نەي، قالۇن، ئۇد، لىرا، كاناي-سۇناي ۋە باشقا ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نېبۇكادنەزار تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار.    ‏6 لېكىن كىمكى يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلمىسا، دەرھال لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ» دېدى.
‏7 شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئەل-خەلق، مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملار بۇرغا، نەي، قالۇن، ئۇد، لىرا ۋە باشقا ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نېبۇكادنەزار تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.
 
‏8 ئۇ چاغدا بىرنەچچە كالدىيلار يەھۇدىيلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ‏9 پادىشاھ نېبۇكادنەزارگە مۇنداق دېدى: «ئەي پادىشاھ، مەڭگۈ ياشىغايسەن! ‏10 سەن، ئەي پادىشاھ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹ھەممە خەلق بۇرغا، نەي، قالۇن، ئۇد، لىرا، كاناي-سۇناي ۋە باشقا ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن. ‏11 ئەمما كىمكى يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانسۇن› دەپ بۇيرۇغانىدىڭ. ‏12 لېكىن سەن بابىل ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگو دېگەن بىرنەچچە يەھۇدىي كىشى بار. ئەي پادىشاھ بۇ كىشىلەر ساڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار سېنىڭ ئىلاھلىرىڭغا ئىبادەت قىلمايدۇ ۋە سەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايدۇ».
‏13 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ نېبۇكادنەزار قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: «شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونى كەلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئۇلار بۇ كىشىلەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ‏14 نېبۇكادنەزار ئۇلارغا: «ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگو، سىلەر راستتىنلا مېنىڭ ئىلاھلىرىمغا ئىبادەت قىلمامسىلەر ۋە مەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمامسىلەر؟ ‏15 ئەمدى بۇرغا، نەي، قالۇن، ئۇد، لىرا، كاناي-سۇناي ۋە باشقا ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ، مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار دەرھال لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر ۋە قايسى ئىلاھ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالار؟» دېدى. ‏16 شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگو پادىشاھ نېبۇكادنەزارگە جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئىشتا ساڭا جاۋاب بېرىش بىزگە لازىم ئەمەس. ‏17 بىز ئىبادەت قىلغان خۇدايىمىز بىزنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمداندىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئەي پادىشاھ، ئۇ بىزنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزىدۇ. ‏18 ئۇنداق بولمىغان تەچدىردىمۇ، ئەي پادىشاھ، ساڭا مەلۇم بولسۇنكى، بىز سېنىڭ ئىلاھلىرىڭغا ئىبادەت قىلمايمىز ۋە سەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز» دېدى.
‏19 ئۇ ۋاقىتتا نېبۇكادنەزارنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، غەزەپكە تولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگوغا ئاچچىقلىنىپ: «خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ‏20 ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەرگە: «شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونى باغلاپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلاڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. ‏21 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تون، ئىشتان، سەللە ۋە باشقا كىيىملىرى كىيىكلىك باغلىنىپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئىچىگە تاشلاندى. ‏22 پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى چىڭ بولغىنى ئۈچۈن خۇمدان ھەددىدىن زىيادە قىزىتىلغان بولغاچقا، ئوت يالقۇنلىرى شادراك، مېشاك، ۋە ئەبەدنېگونى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققان كىشىلەر كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ‏23 شادراك، مېشاك، ۋە ئەبەدنېگو دېگەن بۇ ئۈچ كىشى بولسا باغلاقلىق ھالدا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئىچىگە تاشلاندى.
‏24 ئۇ چاغدا نېبۇكادنەزار ناھايىتى ھەيران بولغان ھالدا ئالدىراپ قوپۇپ ئۆز مەسلىھەتچىلىرىدىن: «بىز ئۈچ كىشىنى باغلاقلىق ھالدا ئوتقا تاشلىدۇق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «راست، شۇنداق ئەي پادىشاھ» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ‏25 پادىشاھ: «مانا، مەن تۆت كىشىنىڭ ئوت ئىچىدە باغلانمىغان ۋە زەخىملەنمىگەن ھالدا ئەركىن يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! تۆتىنچىسى بولسا بىر ئىلاھنىڭ ئوغلىغا ئوخشايدىكەن» دېدى.
 
‏26 شۇنداق دەپ ئېيتقاندىن كېيىن نېبۇكادنەزار خۇمداننىڭ ئاغزىغا بېرىپ: «ئەي ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگو، چىقىڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك، ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقىپ كەلدى. ‏27 ئۇ ۋاقىتتا ئەمىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرى يىغىلىپ كېلىپ، ئوت بۇ كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن، ئۇلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال چاچمۇ كۆيمىگەن ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە ھېچقانداق زەرەرمۇ يەتمىگەنلىكىنى كۆردى، ھەتتا ئۇلاردا كۆيۈشنىڭ ھېچ پۇرىقى يوق ئىدى.
‏28 نېبۇكادنەزار: «شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونىڭ خۇداسىغا ھەمدۇسانا بولغاي. ئۇ ئۆزىگە تايىنىپ: ‹بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىپ سەجدە قىلمايمىز› دەپ ئۆز جانلىرىنى ئايىماي پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ‏29 ئەمدى مەن شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ھەممە ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملاردىن كىمكى شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونىڭ خۇداسىغا قارشى بىر گەپ قىلسا، ئۇ چېپىلىپ پارچىلىنىپ تاشلانسۇن ۋە ئۆيى قىغ دۆۋىسىگە ئايلانسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇداسىدىن باشقا بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان ئىلاھ يوقتۇر» دېدى.
‏30 ئاندىن كېيىن پادىشاھ بابىل ۋىلايىتىدە شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى.
 
نېبۇكادنەزارنىڭ مەكتۇپى
‏31 «نېبۇكادنەزار پادىشاھ يەر يۈزىدە ماكان تۇتقان ھەممە ئەل-خەلقلەر، مىللەتلەر ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قوۋملارغا مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ئامان-ئېسەنلىك سىلەرگە يار بولسۇن. ‏32 ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەرنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن جاكارلايمەن. ‏33 ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرى نەقەدەر ئۇلۇغ، ئۇنىڭ قىلغان مۇجىزىلىرى نەقەدەر قۇدرەتلىكتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بىر پادىشاھلىق، سەلتەنىتى نەسىلدىن نەسىلگە داۋاملىشىدۇ».