نېبۇكادنەزارنىڭ چۈشى
2
‏1 نېبۇكادنەزار ئۆز سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىغان چۈش كۆردى. ‏2 پادىشاھ پالچىلار، مۇنەججىملەر، جادۇگەرلەر ۋە كالدىي دانىشمەنلەرنى پادىشاھنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن چاقىرتتى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى.   
‏3 پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن بىر چۈش كۆردۈم. كۆڭلۈم بىئارام بولغاچقا، چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلگىم كېلىدۇ» دېدى. ‏4 كالدىيلار پادىشاھقا ئارامىي تىلىدا سۆز قىلىپ: «ئەي پادىشاھ مەڭگۈ ياشىغايسەن! چۈشۈڭنى خىزمەتكارلىرىڭغا ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز تەبىرىنى بېرىمىز» دېدى.    ‏5 پادىشاھ كالدىيلارغا جاۋاب بېرىپ: «مەندىن بۇيرۇق شۇكى، ئەگەر چۈشنىڭ ئۆزى ھەم ئۇنىڭ تەبىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەر چېپىپ تاشلىنىسىلەر، ئۆيلىرىڭلار قىغ دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ‏6 لېكىن چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى دەپ بەرسەڭلار، مەندىن سىلەرگە سوۋغاتلار ۋە ئىنئاملار بېرىلىدۇ ۋە چوڭ ئىززەتكە مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. ‏7 ئۇلار يەنە سۆز قىلىپ: «پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا چۈشنى ئېيتىپ بەرگەي. ئاندىن كېيىن تەبىرىنى بېرەيلى» دېدى. ‏8 پادىشاھ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئېنىق بىلىمەنكى، سىلەر بۇيرۇقۇمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلىپ، ۋاقىتنى سوزۇشقا تىرىشىۋاتىسىلەر. ‏9 ئەگەر ماڭا چۈشنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، ئۈستۈڭلاردىن جەزمەن بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگىرەر دېگەن ئۈمىدتە سىلەر ئۆزئارا مېنىڭ ئالدىمدا يالغان ۋە ھىيلىگەرلىك گەپ قىلىشقا كېلىشتىڭلار. ئەمدى چۈشنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، بۇنىڭ بىلەن تەبىرىنى ھەم ئېيتىپ بېرەلەيدىغىنىڭلارنى بىلىمەن» دېدى. ‏10 كالدىيلار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «يەر يۈزىدە پادىشاھنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر ۋە ھېچبىر پادىشاھ، ئۆزى قانچە ئۇلۇغ ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بولسىمۇ، مۇنداق بىر ئىشنى پالچى-سېھىرگەر، مۇنەججىم ياكى كالدىيلاردىن تەلەپ قىلغان ئەمەس. ‏11 پادىشاھ سورىغان بۇ ئىش ھەددىدىن زىيادە مۈشكۈلدۇر ۋە ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم بۇنى پادىشاھقا بىلدۈرەلمەيدۇ» دېدى.
‏12 پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقلىنىپ، قاتتىق غەزەپلىنىپ: «بابىلدىكى ھەممە دانىشمەنلەر ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ بۇيرۇدى. ‏13 شۇنىڭ بىلەن دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇلار دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى.
‏14 ئەمما دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە چىققان پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنىڭ سەردارى ئاريوككا پەملىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇراجىئەت قىلدى. ‏15 ئۇ پادىشاھنىڭ سەردارى ئاريوقتىن: «نېمە ئۈچۈن پادىشاھ تەرىپىدىن بۇ قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى؟» دەپ سورىدى. ئاريوك دانىيالغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
‏16 شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: «ماڭا مۆھلەت بېرىلسە، پادىشاھقا تەبىرىنى بېرىمەن» دەپ پادىشاھتىن ئىلتىماس قىلدى. ‏17 ئاندىن دانىيال ئۆيىگە بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائەل ۋە ئازارياغا ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى. ‏18 ئۇ ئۆزى ۋە دوستلىرى بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ دوستلىرىدىن بۇ سىر توغرىسىدا ئەرشتىكى خۇدادىن رەھىم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلىشنى سورىدى.
‏19 ئاندىن بۇ سىر دانىيالغا كېچىدە كۆرگەن بىر ۋەھىي ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ‏20 مۇنداق دېدى:
 
«خۇدانىڭ نامىغا ئەزەلدىن ئەبەدىلئەبەد ھەمدۇسانا بولغاي،
چۈنكى ھېكمەت ۋە قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر.
‏21 ئۇ ۋاقىت ۋە پەسىللەرنى ئۆزگەرتىدۇ،
پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ ۋە تىكلەيدۇ،
دانالارغا ھېكمەت ۋە ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.
‏22 ئۇ چوڭقۇر ئىشلار ۋە يوشۇرۇن سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ،
قاراڭغۇلۇقتا نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،
چۈنكى نۇر ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر.
‏23 ئەي ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى،
سەن ماڭا ھېكمەت ۋە قۇدرەت ئاتا قىلىپ،
سەندىن تىلىگىنىمىزنى ماڭا بىلدۈرۈپ،
پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە ئاشكارىلىغىنىڭ ئۈچۈن
ساڭا ھەمد ۋە مەدھىيە ئوقۇيمەن».
 
دانىيال پادىشاھنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىشى
‏24 ئاندىن كېيىن دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا پادىشاھنىڭ تەرىپىدىن بۇيرۇق ئالغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگىن، مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بارغىن. مەن پادىشاھقا چۈشىنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن» دېدى. ‏25 ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن يەھۇدا زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن پادىشاھقا چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلدۈرەلەيدىغان بىر كىشى تاپتىم» دېدى. ‏26 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بەلتشازار دەپ ئاتالغان دانىيالدىن: «مەن كۆرگەن چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى سەن ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟» دەپ سورىدى.
‏27 دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «پادىشاھ سورىغان سىرنى دانىشمەن، مۇنەججىم، سېھىرگار ياكى پالچىلارنىڭ ھېچبىرى پادىشاھقا يېشىپ بېرەلمەيدۇ. ‏28 لېكىن ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلايدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ نېبۇكادنەزارگە كېلىدىغان كۈنلەردە نېمە بولىدىغىنىنى بىلدۈردى. ئورنۇڭدا ياتقاندا كۆرگەن چۈشۈڭ ۋە غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق:
‏29 سەن، ئەي پادىشاھ، ئورنۇڭدا كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغىنىنى ئويلاپ ياتقىنىڭدا، سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئۆزى نېمە بولىدىغىنىنى ساڭا كۆرسەتتى. ‏30 ئەمما مەن باشقا تىرىك جانلاردىن داناراق بولغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئەي پادىشاھ، كۆڭلۈڭدىكى ئوي-خىياللىرىڭنى ئۇقۇپ، چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ سىر ماڭا ئاشكارا قىلىندى.
‏31 سەن، ئەي پادىشاھ، قاراپ تۇرغىنىڭدا، مانا، چوڭ بىر ھەيكەل كۆرۈندى. بۇ ناھايىتى ئېگىز ۋە پارلاق ھەيكەل سېنىڭ ئالدىڭدا تۇردى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى قورقۇنچلۇق ئىدى. ‏32 بۇ ھەيكەلنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە بېلى مىستىن ئىدى. ‏33 ئۇنىڭ پاچاقلىرى تۆمۈردىن ۋە پۇتلىرىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى لايدىن ئىدى. ‏34 قاراپ تۇرغىنىڭدا، ئادەمنىڭ قولى تەگمەستىن بىر تاش قېزىۋېلىنىپ چۈشۈپ، ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، تۆمۈر ۋە لايدىن ياسالغان پۇتلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلدى. ‏35 شۇنداقكى، تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش ۋە ئالتۇننىڭ ھەممىسى پارە قىلىنىپ، يازدا خاماندا قېلىپ قالغان ساماندەك بولۇپ قېلىپ، ئورنى تېپىلمىغۇدەك تەرىقىدە شامالدىن ئۇچۇرۇلۇپ كەتتى. لېكىن ھەيكەلنى ئۇرغان تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى تولدۇردى.
‏36 چۈش مانا شۇ، ئەمدى تەبىرىنى پادىشاھقا ئېيتىپ بېرەيلى.
بابىل ئىمپېرىيەسى («دان.» 37:2)
‏37 ئەي پادىشاھ، سەن پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرسەن، چۈنكى ئەرشتىكى خۇدا ساڭا سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى. ‏38 ئۇ ئادەم بالىلىرى، يەردىكى ھايۋانلار ۋە ئاسماندىكى ئۇچار قاناتلار مەيلى قايەردە تۇرسۇن، ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، سېنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى قىلىپ تىكلىدى. ئۇ ئالتۇن باش سەن ئۆزۈڭسەن.
پارس ئىمپېرىيەسى (دان. 38:2)
‏39 سەندىن كېيىن سېنىڭكىدىن كىچىكرەك بىر پادىشاھلىق پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مىستىن بولغان ئۈچىنچى باشقا بىر پادىشاھلىق پەيدا بولۇپ، پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
گرېتسىيە (يۇنان) ئىمپېرىيەسى (دان. 39:2)
‏40 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا ھەر نەرسىنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىدىغان تۆمۈردەك قاتتىق بولىدۇ. تۆمۈر ھەر نەرسىنى پارە-پارە قىلغاندەك ئۇ پادىشاھلىقمۇ ئالدىنقى پادىشاھلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىۋېتىپ پارە-پارە قىلىدۇ.
رىم ئىمپېرىيەسى (دان. 40:2)
‏41 ئۆزۈڭ كۆرگەندەك ئۇنىڭ پۇتلىرى ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ ھەم كومزەك لېيىدىن ھەم تۆمۈردىن ياسالغانىدى. بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز ئىچىدە بۆلۈنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لاي بىلەن تۆمۈر ئارىلاشقىنىنى كۆردۈڭ. دېمەك ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردەك كۈچلۈك بولىدۇ. ‏42 پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرى ھەم تۆمۈردىن ھەم لايدىن بولغاندەك، ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمى كۈچلۈك، بىر قىسمى ئاجىز بولىدۇ. ‏43 تۆمۈرنى لاي بىلەن ئارىلاش كۆرگىنىڭدەك ئادەملىرىنىڭ نەسىللىرى بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىدۇ، لېكىن تۆمۈر بىلەن لاي چاپلىشالمىغاندەك ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىشەلمەيدۇ. ‏44 ئۇ پادىشاھلارنىڭ كۈنلىرىدە ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ. ئۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ، ئەمما ئۇ شۇ ھەممە پادىشاھلىقلارنى پارە-پارە قىلىپ يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. ‏45 شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم قولى تەگمەستىن بىر تاش تاغدىن بوشىنىپ چىقىپ، تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى پارە-پارە قىلغىنىنى كۆردۈڭ. مانا، ئۇلۇغ خۇدا كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغىنىنى پادىشاھقا بىلدۈردى. چۈش راست ۋە ئۇنىڭ تەبىرى ئىشەنچلىك» دېدى.
 
‏46 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ نېبۇكادنەزار يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ دانىيالنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە تەقدىم قىلىنىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈلسۇن دەپ بۇيرۇدى. ‏47 پادىشاھ دانىيالغا: «دەرۋەقە، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشەلىدىڭ» دېدى.
‏48 ئاندىن كېيىن پادىشاھ دانىيالنى ئۇلۇغ مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىممەتلىك ھەدىيەلەر تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتۈن بابىل ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى ۋە بابىلدىكى بارچە دانىشمەنلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقى قىلىپ قويدى. ‏49 پادىشاھ دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، شادراك، مېشاك ۋە ئەبەدنېگونى بابىل ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى، لېكىن دانىيال ئۆزى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇپ قالدى.