8
‏1 كاشكى سەن مېنىڭ ئۇكام بولۇپ،
ئانامنىڭ ئەمچىكىنى ئەمگەن بولساڭ ئىدىڭ.
ئۇچراپ قالساڭ سۆيىۋالاتتىم سېنى،
ئەيىبلىمەستى ھېچكىم مېنى.
‏2 باشلايتتىم سېنى ماڭا تەلىم بەرگەن ئانامنىڭ ئۆيىگە.
ئىچۈرەتتىم ئانارىمنىڭ شەربىتىدىن تەييارلانغان
دورا-دەرمەك ئارىلاشتۇرۇلغان شارابنى ساڭا.
‏3 ئۇنىڭ سول قولى بېشىمنىڭ ئاستىدا،
ئوڭ قولى مېنى قۇچاقلايدۇ.
 
‏4 ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى،
سىلەرگە: «سۆيگۈنى ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە،
ئويغاتماڭلار ۋە قوزغىماڭلار» دەپ جېكىلەيمەن.
 
‏5 كىم بۇ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ،
باياۋاندىن چىقىپ كېلگەن؟
ئالما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئويغاتتىم سېنى.
ئۇ يەردە ئاناڭ سېنى تۇغدى،
ئۇ يەردە ئاناڭ سېنى دۇنياغا كەلتۈردى.
 
‏6 بىر مۆھۈردەك مېنى يۈرىكىڭگە باس،
بىر مۆھۈر ئۈزۈكىدەك مېنى قولۇڭدا تۇت.
چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈم كەبى كۈچلۈكتۇر،
ئۇنىڭ قىزغىنىشى ئۆلۈكلەر دىيارىغا ئوخشار،
ئۇنىڭ يالقۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئوتىنىڭ يالقۇنىدەك كۆيدۈرەر.
‏7 چوڭ سۇلار سۈيگۈنى ئۆچۈرەلمەس،
كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالماس.
ئەگەر بىرى سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆيىدىكى پۈتۈن بارلىقىنى بەرسىمۇ ھەتتا،
مەسخىرىدىن باشقىغا ئېرىشەلمەس.
 
قىز ۋە ئۇنى قوغدايدىغان ئاكىلىرى
‏8 كىچىك بىر سىڭلىمىز بار تېخى كۆكسى چىقمىغان.
ئەلچى كېلىدىغان كۈنى كەلگەندە
سىڭلىمىز ئۈچۈن نېمە قىلايلى؟
‏9 ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا،
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈمۈشتىن بىر مۇنار ياسايلى.
ئەگەر بىر ئىشىك بولسا
كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلايلى.
 
‏10 مەن بىر سېپىلمەن،
كۆكسىلىرىم مۇنارلار كەبى.
شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بىرى بولدۇم مەن.
 
سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى ۋە قىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى
‏11 سۇلايماننىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى بائال-ھاموندا.
ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى ئۇ.
مىڭ كۈمۈش تەڭگە تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى مېۋىسى ئۈچۈن ھەربىرى.
‏12 ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئالدىمدا مېنىڭ:
ئەي سۇلايمان سەن ئۆز مىڭىڭنى ئالغىن.
باغۋەنلەر ئىككى يۈزنى ئالسۇن.
 
يىگىت ۋە قىز بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ
‏13 ئەي گۈل باغلاردا ئولتۇرغان،
دوستلار قۇلاق سالار ئاۋازىڭغا.
ئاڭلات ئۇنى ماڭىمۇ.
 
‏14 تېز بول، ئەي سۆيۈملۈكۈم،
خۇددى خۇشبۇي تاغلاردىكى بىر كېيىك
ياكى بىر ياش بۇغا كەبى.