شۇلامىت قىز ئۇسسۇل ئويناشتا
7
‏1 قايتقىن، قايتقىن، ئەي شۇلامىت قىز،
بۇ تەرەپكە قايت، سېنى كۆرەيلى.
 
نېمىشقا ئىككى قاتاردا ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتقان ئەسكەرلەرنى تاماشا قىلغاندەك،
شۇلامىت قىزغا قارىغۇڭلار بار؟
 
‏2 
كەش كىيىكلىك پۇتلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئەي ئېسىلزادىنىڭ قىزى!
گۆھەرلەردەك يۇمىلاق يانپاشلىرىڭ بىر چېۋەر ئۇستىنىڭ ئىشى.
‏3 كىندىكىڭ ئارىلاش شارابى كەم بولماس بىر يۇمىلاق پىيالە،
قورسىقىڭ نىلۇپەرلەر بىلەن ئورالغان بۇغداي دۆۋىسى.
‏4 كۆكسىلىرىڭ ئىككى كېيىك قوزىسى كەبى،
بىر كېيىكنىڭ قوشكېزەك بالىلىرى كەبى.
‏5 خۇددى پىل چىشى مۇنارى سېنىڭ بوينۇڭ،
بەيت-راببىم دەرۋازىسى بويىدىكى خەشبون كۆللىرى كەبى كۆزلىرىڭ.
دەمەشقكە قارايدىغان لىۋان مۇنارى كەبى بۇرنۇڭ.
‏6 كارمەل تېغىدەك تۇرار گويا بېشىڭ،
سۆسۈن كىمھاب كەبى چاچلىرىڭ.
ئەسىر قىلدى پادىشاھنى بۈدۈر چاچلىرىڭ.
 
‏7 ئەي مۇھەببەت، نەقەدەر گۈزەلسەن،
نەقەدەر يېقىملىق ۋە سۆيۈملۈكسەن.
 
مۇھەببەت رىشتىسى
‏8 بويۇڭ خورما دەرىخى كەبى،
كۆكسىلىرىڭ خۇددى ئۈزۈم ساپاقلىرى.
‏9 دېدىمكى، چىقاي خورما دەرىخىگە،
تۇتاي مېۋىلىك شاخلىرىنى.
ئۈزۈم ساپاقلىرى كەبى بولغاي كۆكسىلىرىڭ،
ئالمىنىڭ پۇرىقى چىققاي دىماغلىرىڭدىن.
‏10 ئەڭ ئېسىل شاراب كەبى بولغاي سېنىڭ تاڭلىيىڭ.
 
... سۆيۈملۈكۈمگە سىلىق ئېقىپ كىرگەن،
ئۇخلىغان لەۋلەرنى نەمدىگەن.
‏11 مەن سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن،
ئۇمۇ ماڭا مەپتۇن.
‏12 كەلگىن، ئەي سۆيۈملۈكۈم،
دالاغا چىقىپ يېزىلاردا قونايلى.
‏13 تاڭدا تۇرۇپ ئۈزۈمزارلىققا چىقايلى،
ئۈزۈم تېلى چېچەكلەپ، غۇنچىلار پورەكلەپ،
ئانارنىڭ گۈللىرى ئېچىلدىمىكىن كۆرەيلى دەپ.
ئىزھار قىلىمەن سۆيگۈمنى ساڭا شۇ يەردە.
‏14 خۇش ھىدىنى چاچار مېھىرگىياھلار.
ئىشىكلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە
يېڭى-قۇرۇق خىلمۇخىل ئېسىل مېۋىلەر باردۇر.
ساڭا ساقلىدىم ئۇلارنى، ئەي سۆيۈملۈكۈم.