6
‏1 سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتتى؟
ئەي قىز-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ گۈزىلى،
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قايسى تەرەپكە بۇرۇلدى؟
سەن بىلەن بېرىپ ئىزدەيلى ئۇنى.
 
‏2 خۇشپۇراق گۈلزارلىقلاردا ھۇزۇرلىنىشقا،
نىلۇپەر گۈللەرنى ئۈزۈشكە،
ئۆز بېغىغا چۈشتى سۆيۈملۈكۈم.
‏3 مەن سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكى،
ئوتلىتار ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا.
 
يىگىت قىزنى يەنە كۈيلەيدۇ
‏4 ئەي سۆيگىنىم، تىرزا كەبى گۈزەلسەن،
يېرۇسالېمدەك يېقىملىقسەن،
تۇغلار كۆتۈرگەن قوشۇندەك ھەيۋەتلىكسەن.   
‏5 كۆزلىرىڭنى ئېلىپ قاچ مەندىن،
چۈنكى ئۇلار مېنى مەپتۇن قىلدى.
گىلېئاد تېغىدا ئوتلايدىغان ئۆچكە پادىسى كەبى چاچلىرىڭ.
‏6 چىشلىرىڭ يۇيۇلۇپ سۇدىن چىققان قويلار كەبى،
ھەممىسىنىڭ بار قوشكېزەك قوزىسى، قىسىر ئەمەس ھېچبىرى.
‏7 مەڭزىڭ چۈمپەرەڭنىڭ ئىچىدە
يېرىلغان ئاناردۇر.
‏8 خانىشلار ئاتمىش، كېنىزەكلەر سەكسەنگە يېتىپ،
پاك قىزلار ھېسابسىز بولسىمۇ،
‏9 مېنىڭ نۇقسانسىز كەپتىرىم بىردىنبىردۇر.
ئۇ ئانىسىنىڭ يالغۇزى،
ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ ئەزىزىدۇر.
پاك قىزلار ئۇنى كۆرسە، ئۇنى بەختلىك دەيدۇ،
خانىشلار ۋە كېنىزەكلەر ئۇنى داڭلايدۇ.
‏10 كىمدۇر بۇ قىز، تاڭ قىزىرىپ ئاتقاندەك بولغان،
ئايدەك گۈزەل، قۇياشتەك پارلاق،
تۇغلار كۆتۈرگەن قوشۇندەك ھەيۋەتلىك بولغان؟
‏11 ياڭاق بېغىغا چۈشتۈم،
ياپ-يېشىل ۋادىنى كۆرەي دەپ،
ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ-چېچەكلىمىگەنلىكىنى،
ئانارنىڭ گۈللىرى ئېچىلىپ-ئېچىلمىغانلىقىنى كۆرەي دەپ.
‏12 لېكىن بىلىپ-بىلمەي،
كۆڭلۈم ئەمىرلەرنىڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرغۇزدى مېنى.