5
1 ئەي سىڭلىم، ئەي جۆرەم، مەن بېغىمغا كىرىپ، مۇرمەككى ۋە ھۇش پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلىرىمنى يىغدىم.
ھەسەل كۆنىكىم ۋە ھەسىلىمنى يەپ، شاراب ۋە سۈتۈمنى ئىچتىم.
ئەي دوستلار، يەپ-ئىچىڭلار.
ئەي ئەزىزلەر، قانغۇچە ئىچىڭلار.
مۇھەببەتنى رەت قىلىش توغرىسىدا بىر چۈش
2 مەن يېتىپ ئۇخلىدىم، لېكىن كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى.
مانا، سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى!
ئۇ ئىشىكنى چېكىپ: «ئەي مېنىڭ سىڭلىم، ئەي جۆرەم،
ئەي مېنىڭ نۇقسانسىز كەپتىرىم، ئەي ئەزىزىم، ماڭا ئىشىكنى ئاچقىن،
چۈنكى بېشىم شەبنەمدىن،
چاچلىرىم كېچىنىڭ نەمىدىن ھۆل بولدى» دېدى.
3 مەن كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم، قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە كىيىۋالاي؟
پۇتلىرىمنى يۇدۇم، قانداقمۇ ئۇلارنى مەينەت قىلاي؟
4 ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن ئۇزاتتى قولىنى سۆيۈملۈكۈم.
ئۇ ۋاقىتتا تىترىدى ئىچىم ئۇنىڭ ئۈچۈن.
5 تۇردۇم سۆيۈملۈكۈمگە ئىشىكنى ئاچاي دەپ،
قوللىرىمدىن مۇرمەككى تامدى،
بارماقلىرىمدىن مۇرمەككى ئاقتى،
تاقاقنىڭ تۇتقۇچى ئۈستىگە.
6 ئاچتىم سۆيۈملۈكۈمگە ئىشىكنى،
بىراق كەتكەنىدى سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ.
ئەس-ھوشۇمنى يوقاتتىم ئۇ سۆزلىگەندە.
ئىزدىدىم ئۇنى، لېكىن ئۇنى تاپالمىدىم،
چاقىردىم ئۇنى، جاۋاب بەرمىدى ئۇ.
7 شەھەر ئىچىنى ئايلىنىپ يۈرگەن قاراۋۇللار ئۇچرىدى ماڭا.
مېنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى ئۇلار.
تارتىۋالدى يېپىنچامنى سېپىللاردىكى قاراۋۇللار.
سۇلامىت قىز بىلەن يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى ناخشا ئېيتىشىشى
8 ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار،
ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
سىلەرگە تاپىلايمەنكى:
مېنى سۆيگۈ ئىشقىدا كېسەل بولدى دەڭلار.
9 ئەي قىز-ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى،
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقىلاردىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟
سەن بىزگە مۇنداق دەپ تاپىلىغىلى،
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقچىلىقى نېمە؟
10 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە بېجىرىم،
ئون مىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئېسىلىدۇر ئۇ.
11 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇن كەبى،
ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى دولقۇنلۇق،
قۇزغۇن كەبى قارا.
12 ئۇنىڭ كۆزلىرى سۈتتە چۆمۈلۈپ رەھەتلەنگەن،
ئېقىن سۇلارنىڭ بويىدىكى كەپتەرلەرگە ئوخشار.
13 ئۇنىڭ مەڭزىلىرى خۇش پۇراقلىق دەرمانلار كەبى،
ھۇشبۇي پۇراقلىق گۈلزارلىق كەبى.
ئۇنىڭ لەۋلىرى خۇددى مۇرمەككى تېمىتىدىغان قىزىل نىلۇپەر كەبى.
14 قوللىرى سېرىق ياقۇتلار قويۇلغان ئالتۇن ھالقىلار كەبى.
قورسىقى كۆك ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن پىل چىشلىرىدىن ياسالغاندەك.
15 پۇتلىرى ئاق مەرمەر تۈۋرۈكلەرگە ئوخشار، ساپ ئالتۇن تەگلىك ئۈستىگە تىكلەنگەن.
كۆرۈنۈشى لىۋان كەبى، بويى كېدىر دەرىخى كەبى.
16 ئاغزى بەك تاتلىق،
ئۇ باشتىن ئاياغقىچە گۈزەل.
مانا، بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم،
مېنىڭ يارىم، ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى!