يىگىت قىزنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ
4
1 نەقەدەر گۈزەلسەن، ئەي سۆيگىنىم، نەقەدەر گۈزەلسەن. كۆزلىرىڭ چۈمپەردەڭنىڭ ئارقىسىدا كەپتەرلەرنىڭكىدەك،
چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغىدا ئوتلايدىغان ئۆچكە پادىسى كەبى.
2 چىشلىرىڭ يۇيۇلۇپ سۇدىن چىققان،
يېڭى قىرقىلغان قوي كەبى.
ھەممىسىنىڭ قوشكېزەك قوزىسى بار،
تۇغماس يوق ئارىسىدا.
3 لەۋلىرىڭ توق قىزىل يىپ كەبى، ئاغزىڭ گۈزەلدۇر.
مەڭزىڭ چۈمپەرەڭنىڭ كەينىدە
خۇددى ئوتتۇرىدىن يېرىلغان ئانار كەبى.
4 داۋۇدنىڭ قورال-ياراغ ئۈچۈن
ياسالغان مۇنارە كەبى بوينۇڭ.
ئۇنىڭغا مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر،
پالۋانلارنىڭ قالقانلىرى ھەممىسى.
5 كۆكسىلىرىڭ ئىككى كېيىك قوزىسى كەبى،
نىلۇپەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئوتلايدىغان
كېيىكنىڭ قوشكېزەك بالىلىرى كەبى.
6 تاڭ شامىلى چىقىپ سايىلار غايىب بولغۇچە،
چىقىمەن مۇرمەككى تېغىغا،
ھەم مەستىكىنىڭ ئېگىزلىكىگە،
7 ئەي سۆيگىنىم، باشتىن ئاياغقىچە گۈزەلسەن،
سەندە ھېچ داغ يوق.
8 كەل مەن بىلەن لىۋاندىن، ئەي جۆرەم،
مەن بىلەن كەل لىۋاندىن.
نەزەر سال ئامانانىڭ چوققىسىدىن، سېنىر بىلەن خەرموننىڭ چوققىلىرىدىن،
شىرلارنىڭ ماكانىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن.
9 ئەي سۆيگىنىم، ئەي جۆرەم،
مەپتۇن قىلدىڭ ئۆزۈڭگە كۆڭلۈمنى.
بىر نەزەر سېلىشىڭ بىلەن،
بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال زەنجىرى بىلەن ئوغرىلىدىڭ كۆڭلۈمنى.
10 ئەي سۆيگىنىم، ئەي جۆرەم،
مۇھەببىتىڭ نەقەدەر گۈزەل.
مۇھەببىتىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك،
شارابتىنمۇ شېرىندۇر.
ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى
ھەممە خۇشبۇي دورا-دەرمەكتىن مەززىلىكتۇر.
11 ئەي جۆرەم، لەۋلىرىڭ ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان ھەسەل كەبى،
ھەسەل بىلەن سۈت بار تىلىڭ ئاستىدا.
لىباسلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقى كەبى.
12 ئەي سىڭلىم، ئەي جۆرەم، بىر تاقاقلىق گۈل باغدۇرسەن،
بىر ئېتىك بۇلاق، بىر مۆھۈرلەنگەن چەشمىدۇرسەن.
13 كۆچەتلىرىڭ بىر ئانارلار جەننىتىدۇر، خېنە گۈللىرى بىلەن،
سۇمبۇل گىياھلىرى بىلەن،
14 سۇمبۇل، زەپەر، ئېگىر، قوۋزاقدارچىن ۋە ھەر خىل مەستىكى بىلەن،
مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە ھەر خىل ئېسىل دورا-دەرمەكلەر بىلەن.
15 سەن گۈل باغلارنىڭ بىر چەشمىسى،
تاتلىق سۇلۇق بىر قۇدۇق،
لىۋاندىن چىققان بىر ئاقار سۇسەن.
قىز بىلەن يىگىتنىڭ قىزنىڭ خۇش پۇراقلىق بېغى توغرىسىدا ئېيتىشقان ناھسىسى
16 ئويغان، ئەي شىمالنىڭ شامىلى.
ئەي جەنۇبنىڭ شامىلى سەنمۇ كەل، گۈل بېغىمدا يەلپۈنۈپ،
خۇش پۇراقلىرىنى چاچ.
سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كېلىپ،
شېرىن مېۋىسىدىن يېسۇن.