12
‏1 ياشلىقىڭدا، يامان كۈنلەر كەلمەستە، «ھۇزۇرلىنالمايمەن» دەيدىغان يىللىرىڭ يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى، ياراتقۇچىڭنى ئەسلىگىن. ‏2 قۇياش، يورۇقلۇك، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشماستىن، يامغۇردىن كېيىنمۇ بۇلۇتلارنىڭ ئاسماننى قاپلىشىدىن بۇرۇن ئۇنى ياد ئەتكىن.    ‏3 ئۇ كۈنى، ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى تىترەپ كېتەر، كۈچلۈك ئادەملەر ئېگىلەر، تۈگمەن تاشلىرى ئازلىقىدىن جىمىپ قالار، پەنجىرىدىن قارىغۇچىلارنى قاراڭغۇلۇق بېسىۋالار، ‏4 كوچا تەرەپكە قارايدىغان ئىشىكلەر تاقىلار، تۈگمەننىڭ ئۈنى پەسىيەر، كىشى قۇشنىڭ سايرىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغىنار ۋە ھەممە ناخشىچى قىزلار پەس كويغا چۈشەر، ‏5 كىشى ئېگىزلىكتىن قورقار، يوللاردىكى ۋەھىمىلەردىن ئەندىشە قىلار، بادام دەرىخى چېچەكلەر، چېكەتكە ئۆزىنى سۆرەپ ماڭار ۋە دورىلىق مېۋىلەرمۇ پايدا بەرمەس، چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتەر، ۋە ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا يۈرەر. شۇڭا ئۇ كۈن كەلمەستىن، ‏6 كۈمۈش زەنجىر ئۈزۈلمەستىن، ئالتۇن قاچا سۇندۇرۇلماستىن، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كومسەك چېقىلماستىن، قۇدۇقنىڭ چاقى سۇنۇپ كەتمەستىن، ‏7 تۇپراقتىن بولغان يەنە تۇپراققا ئايلىنىپ، خۇدا بەرگەن روھ خۇدانىڭ تەرىپىگە قايتماستىن بۇرۇن ياراتقۇچىڭنى ياد ئەتكىن.
 
خۇلاسا
‏8 «بىھۇدە، بىھۇدە! ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ۋەز ئېيتقۇچى.
‏9 ۋەز ئېيتقۇچى دانا بولۇپلا قالماي، ھەم خەلققە ئىلىم ئۆگىتەتتى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ پەم بىلەن، نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى رەتلەپ چىقتى. ‏10 ۋەز ئېيتقۇچى مۇناسىپ سۆزلەرنى تېپىشقا تىرىشتى، ئۇنىڭ يازغانلىرى توغرا ۋە ھەقىقەتتۇر. ‏11 دانالارنىڭ سۆزلىرى ئۆتكۈر زىختەك، توپلىغان سۆزلىرى چىڭ قېقىلغان قوزۇقتەكتۇر: ئۇلار بىر پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.
‏12 باشقا ئېيتىدىغان سۆزۈم شۇكى، ئەي ئوغلۇم، نەسىھەت ئاڭلىغىن! كۆپ كىتاب يېزىش تۈگىمەيدىغان ئىشتۇر ۋە كۆپ ئوقۇش بەدەننى ئۇپرىتار. ‏13 ئەمدى پۈتۈن ئېيتىلغانلارنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغىن، چۈنكى بۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ‏14 چۈنكى خۇدا ياخشى ياكى يامان بولسۇن ھەممە ئىشلار، ھەممە يوشۇرۇن ئىشلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.