ئىمكان بارىچە ھەرىكەت قىلىش كېرەك
11
‏1 نېنىڭنى سۇلارغا تاشلىساڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى تاپىسەن.    ‏2 ئۈلۈشۈڭنى يەتتە، ھەتتا سەككىز يەرگە قويۇپ قويغىن، چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ئۈستىگە نېمە بالايىئاپەت كېلىدىغىنىنى بىلمەيسەن.   
‏3 بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدۇ. بىر دەرەخ جەنۇب ياكى شىمال تەرەپكە يىقىلسا، ئۇ يىقىلغان يەردە قالىدۇ.
‏4 شامالنى كۆزىتىدىغان تېرىماز ۋە بۇلۇتقا قارايدىغان ئورىماس.
‏5 شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدا بالىنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، ھەممىنى ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ يەتەلمەيسەن.
‏6 ئەتىگەندە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، ئاخشامدىمۇ قولۇڭنى يىغمىغىن، چۈنكى ئۇ ياخشىمۇ ياكى بۇمۇ، ياكى ھەر ئىككىسى ئوخشاش ياخشى نەتىجە بېرەمدۇ بىلمەيسەن.
 
ئىنسان تېخى ياش بولغاندا ياراتقۇچىسىنى ياد ئەتسۇن.
‏7 نۇر يېقىملىقتۇر، كۆزلەرنىڭ قۇياشنى كۆرۈشى لەززەتلىكتۇر.
‏8 ئەگەر ئادەم كۆپ يىللار ياشىسا، ھەممىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزسۇن، لېكىن قاراڭغۇ كۈنلەرنىمۇ ئۇنتۇمىسۇن، چۈنكى ئۇلارمۇ ئاز بولماس. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدىلىكتۇر.
‏9 ئەي يىگىت، ياشلىقىڭدا شادلانغىن، ياشلىق كۈنلىرىڭدا كۆڭلۈڭ ھۇزۇرلانسۇن. كۆڭلۈڭنىڭ خالىغان، كۆزلىرىڭنىڭ ئارزۇ قىلغان يولىدا ماڭغىن. لېكىن بىلگىنكى، خۇدا بۇنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن سېنى سوراققا تارتىدۇ. ‏10 ئۇنداقتا غەمنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ تاشلا، ئاغرىقلارنى تېنىڭدىن نېرى قىل، چۈنكى بالىلىقمۇ ۋە ياشلىقمۇ بىھۇدىدۇر.