ئەخمەقلەرنىڭ ئىشلىرى
10
1 ئۆلۈك چىۋىنلار ئەتىرچىنىڭ ئەتىرىنى سېسىتقاندەك، ئازغىنە ئەخمەقلىقمۇ ھېكمەت بىلەن ئىززەتنى قەدىرسىز قىلار.
2 دانانىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل،
ئەمما ئەخمەقنىڭ كۆڭلى سولغا.
3 ئەخمەق كىشى ھەتتا يول مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئەقلى قىسقىدۇر.
ئۇ ئەخمەقلىقىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ.
4 ھۆكۈمدارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ساڭا تەگسە، ئېغىرلىق قىلغىن، چۈنكى سەۋرچانلىق كۆپ يامانلىقنى باسىدۇ.
5 مەن قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۈم، ھۆكۈمدارلاردىن كېلىپ چىققان بىر خاتالىق بولۇپ: 6 ئەقىلسىزلەر يۇقىرى مەرتىۋىدە، ئەمما بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرار. 7 قۇللار ئاتقا مىنىپ، ئەمىرلەر قۇلدەك پىيادە كېتىپ بارغىنىنىمۇ كۆردۈم.
8 ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا ئۆزى چۈشەر،
تامنى يىقىتقان كىشىنى يىلان چاقار.
9 تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاشتىن زەخىملىنەر،
ئوتۇن يارغان كىشى خەۋپكە ئۇچرار.
10 پالتا گال بولسا ۋە بىسى بىلەنمىسە،
ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ئىشلىتىش لازىم بولار.
لېكىن ھېكمەت ئۇتۇققا ئېرىشتۈرەر.
11 يىلان سېھىر قىلىنماستىن ئاۋۋال چاقسا،
سېھىرگەرگە سېھىرىنىڭ پايدىسى بولماس.
12 دانانىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. 13 ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ باشلىنىشى ئەخمىقانىدۇر، ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى رەزىل تەلۋىلىكتۇر. 14 ئەخمەق كۆپ گەپ قىلىدۇ، لېكىن ھېچكىم كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى بىلمەيدۇ. كىم ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بېرەلىسۇن؟ 15 ئەخمەقنىڭ ئەمگىكى ئۆزلىرىگە ئېغىر كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولىنىمۇ بىلمەيدۇ.
ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەمەللىرى
16 پادىشاھى بىر ئۆسمۈر بالا بولغان، ئەمىرلىرى ئەتىگەندە زىياپەتتە ئولتۇرغان زېمىننىڭ ھالىغا ۋاي! 17 پادىشاھى بىر ئېسىلزادە بولغان، ئەمىرلىرى مەست بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزگەن زېمىن مۇبارەكتۇر.
18 ھورۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلار، قوللارنىڭ قاششاقلىقىدىن ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتەر.
19 زىياپەت شادلىق ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب جاننى خۇشال قىلار، لېكىن پۇل ھەممىنى ھەل قىلار.
20 پادىشاھقا كۆڭلۈڭدىمۇ لەنەت ئوقۇمىغىن، ھۇجراڭدىمۇ باي كىشىگە لەنەت ئوقۇمىغىن، چۈنكى ئاسماندىكى قۇشلار سۆزۈڭنى ئېلىپ يەتكۈزىدۇ، ۋە قانات ئىگىلىرى ئېيتقىنىڭنى ئايان قىلىدۇ.