ھەممىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش
9
‏1 شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئېنىقلاپ، بىلدىمكى، مەيلى ھەققانىي بولسۇن ياكى دانا، ياكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممىسى خۇدانىڭ قولىدىدۇر. ئىنسان ئۆزىگە سۆيگۈ كېلەمدۇ نەپرەتمۇ بىلمەس. كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ھېچكىم بىلمەس. ‏2 ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ئوخشاش بولار. يامانغا ۋە ھەققانىيگە، ناپاك ۋە پاك كىشىگە، قۇربانلىق سۇنغان ۋە سۇنمىغانغا بولىدىغىنى ئوخشاشتۇر. ياخشى كىشىگە كەلگەن گۇناھكارغىمۇ كېلەر، قەسەم قىلغان كىشىگە كەلگەن قەسەمدىن قورقىدىغان كىشىگىمۇ كېلەر. ‏3 قۇياشنىڭ ئاستىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىچىدە مۇنداق يامانلىق باركى، بىرسىگە كەلگەن ھەممىسىگە كېلىدۇ. شۇنداقلا ئادەم بالىلىرىنىڭ كۆڭلى يامانلىق بىلەن تولغاندۇر، تەلۋىلىك ئۆمۈر بويى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىدۇر. ئاندىن ئۇلار ئۆلۈكلەرگە قوشۇلىدۇ. ‏4 ھەممە تىرىكلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلارغا ئۈمىد بار، چۈنكى تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ياخشى.
‏5 تىرىكلەر ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۆلۈكلەر ھېچنېمە بىلمەس. ئۇلارغا يەنە ئىنئام يوقتۇر، ئۇلارنىڭ خاتىرىسى ئۇنتۇلىدۇ. ‏6 ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتلىرى ئاللىقاچان يوقالغان. مەڭگۈگە قۇياش ئاستىدىكى ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولماس.
 
قانداق ياشاش كېرەك
‏7 شۇڭا بارغىن، خۇشاللىق بىلەن نېنىڭنى يېگىن ۋە خۇش دىل بىلەن شارابىڭنى ئىچكىن، چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان قىلغان ئىشىڭدىن رازى بولغان. ‏8 كىيىملىرىڭ ھەمىشە ئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن. ‏9 خۇدا قۇياش ئاستىدا ساڭا بەرگەن بىھۇدە ھاياتىڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىنى، يەنى تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىنى ئۆزۈڭ سۆيگەن ئايالىڭ بىلەن بىللە خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگىن، چۈنكى بۇ ھاياتىڭدا، قۇياش ئاستىدا قىلغان ئەمگىكىڭدىن تەگكەن نېسىۋەڭدۇر. ‏10 قولۇڭ تۇتقان ھەر ئىشنى بار كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن، چۈنكى سەن بارىدىغان ئۆلۈكلەر دىيارىدا ئىشمۇ، پىكىرمۇ، بىلىممۇ ياكى دانالىقمۇ يوقتۇر.
‏11 مەن قۇياش ئاستىدا شۇنىمۇ كۆردۈم:
 
مۇسابىقىدە غەلىبىگە ئېرىشىش ھەمىشە چاققانلارغا نېسىپ بولماس،
جەڭدە يېڭىۋېلىش ھەمىشە پالۋانلارغا نېسىپ بولماس،
نان تېپىش ھەمىشە دانالارغا نېسىپ بولماس،
دۆلەت تېپىش ھەمىشە ئەقىل-پاراسەتلىكلەرگە نېسىپ بولماس
ۋە ئىززەت تېپىش ھەمىشە ئەقىلدارلارغا نېسىپ بولماس.
ئەمما زامان ۋە تەلەي ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلەر.
 
‏12 چۈنكى ئىنسان ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەس. خۇددى بېلىقلار يامان تورغا تۇتۇلغاندەك، قۇشلار قىلتاق-قاپقانغا چۈشكەندەك، مۇسىبەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز كەلگەندە ئۇلارمۇ تۇتۇلىدۇ.
 
كەمبەغەلنىڭ دانالىقى كۆزگە ئىلىنماس
‏13 بۇمۇ قۇياش ئاستىدا ماڭا مۇھىم كۆرۈنگەن ھېكمەتتۇر: ‏14 خەلقى ئاز كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى. ئۇنىڭغا بۈيۈك بىر پادىشاھ قارشى چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، چۆرىسىگە چوڭ پوتەي-ئىستىھكاملار سالدى. ‏15 شەھەردە كەمبەغەل بىر دانا ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ھېچكىم بۇ كەمبەغەل ئادەمنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى.    ‏16 شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل بولسىمۇ، كەمبەغەلنىڭ دانالىقى كۆزگە ئىلىنماس، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانماس» دېدىم.
‏17 دانالارنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاش، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەخمەقلەر ئارىسىدا ۋارقىرىشىنى ئاڭلاشتىن ياخشى. ‏18 جەڭ قوراللىرىدىن ھېكمەت ئەۋزەلدۇر، لېكىن بىر گۇناھكار كۆپ ياخشىلىقنى ۋەيران قىلىدۇ.