ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى ۋە يولى بار
8
1 كىم دانادەك بولالايدۇ؟ كىم ئۇنىڭدەك بىر ئىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ؟ ھېكمەت كىشىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ، سۈرلۈك چىرايىنى ئۆزگەرتىدۇ. 2 مەن دەيمەنكى، پادىشاھنىڭ ئەمرگە قۇلاق سالغىن، خۇدانىڭ ئالدىدا قىلغان قەسەم ئۈچۈن شۇنداق قىلغىن. 3 ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ئالدىرىمىغىن، يامان ئىشقا شېرىك بولمىغىن. چۈنكى پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. 4 پادىشاھنىڭ سۆزىدە قۇدرەت باردۇر. «نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دەپ ئۇنىڭدىن كىم سورىيالايدۇ؟ 5 ئەمرگە قۇلاق سالغان كىشى ھېچ يامانلىق كۆرمەيدۇ.
دانانىڭ كۆڭلى پەيتىنىمۇ، يولىنىمۇ بىلىدۇ. 6 چۈنكى ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى ۋە يولى بار. شۇڭا ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى دەرد-ئەلىمى ئېغىردۇر. ■ 7 ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى بىلمەيدۇ. قانداق بولىدىغىنىنى ئۇنىڭغا كىم دەپ بېرەلىسۇن؟ 8 شامالنىڭ ئۈستىدە ئىنساننىڭ قۇدرىتى يوقتۇر. ھېچكىم شامالنى تۇتالماس. ھېچكىمنىڭ ئۆلۈم كۈنىنىڭ ئۈستىدە قۇدرىتى يوقتۇر. جەڭدە رۇخسەت يوقتۇر. يامانلىق يامانلىق قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزالماس.
9 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ، قۇياش ئاستىدىكى ھەممە ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ نەزەر سالدىم. شۇنداق بىر زامان بولىدۇكى، ئىنسان ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ.
ئىنسان خۇدانىڭ يوللىرىنى چۈشىنەلمەس
10 مەن شۇنىمۇ كۆردۈمكى، يامانلار دەپنە قىلىنىپ راھەت تاپتى، لېكىن ياخشىلىق قىلغانلار مۇقەددەس ماكاندىن كەتكۈزۈلۈپ شەھەردە ئۇنتۇلدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر. ■
11 يامان ئىشلار دەرھال ھۆكۈم قىلىنمىغىنى ئۈچۈن ئادەم بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىق قىلىشقا ئالدىرايدۇ. 12 گۇناھكار يۈز قېتىم يامانلىق قىلىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغان تەقۋادارلار بەخت-سائادەتلىك بولىدۇ دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلار خۇدادىن قورقىدۇ. 13 يامان كىشىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ سايىدەك كۈنلىرى ئۇزارمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدادىن قورقمايدۇ.
14 دۇنيادا مۇنداق بىر بىھۇدە ئىش بار: يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولغان ھەققانىيلار بار، ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولغان يامانلارمۇ بار. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر دېدىم. 15 شۇڭا مەن خۇشاللىقنى ياخشى دەپ داڭلىدىم، چۈنكى قۇياش ئاستىدا ئىنسانغا يەپ-ئىچىپ ھۇزۇرلىنىشتىن ياخشى نەرسە يوق. شۇ خۇشاللىق خۇدا قۇياش ئاستىدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۆمۈرنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىدا، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ.
16 مەن ھېكمەتكە ئېرىشىشكە تىرىشىپ، يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كىرمەي قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالغىنىمدا، 17 مەن خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىنى كۆرۈپ، ئىنسان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى ئىشلارنى چۈشىنىپ تېگىگە يەتەلمەيدۇ دەپ بىلدىم. چۈنكى ئىنسان چۈشىنىشكە قانچە تىرىشسىمۇ، ئۇلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. ھاتتا ئەگەر بىر دانا كىشى «بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەسلىدە ئۇمۇ خۇدانىڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر بولالمايدۇ.