دانالار ۋە ئەخمەقلەر
7
‏1 ياخشى نام خۇشبۇي مايدىن ئەۋزەلدۇر.
بىر كىشىنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ياخشىدۇر.
‏2 زىياپەت بولۇۋاتقان ئۆيگە كىرىشتىن ماتەم تۇتۇۋاتقان ئۆيگە كىرىش ياخشىدۇر. چۈنكى ھەممە ئادەملەرنىڭ ئاخىرى شۇنداق بولغاچقا، ھايات قالغان كىشى بۇنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ.
‏3 غەم كۈلۈشتىن ياخشىدۇر، چۈنكى چىراي غەمكىن بولسا كۆڭۈل ياخشىلىنىدۇ.
‏4 دانالارنىڭ كۆڭلى ماتەم ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئەخمەقلەرنىڭ كۆڭلى تاماشا ئۆيىدىدۇر.
‏5 دانالارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلاش، ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشتىن ياخشىدۇر.
‏6 ئەخمەقلەرنىڭ كۈلۈشى، قازاننىڭ ئاستىدىكى تىكەنلەرنىڭ چاراسلىشىدەكتۇر. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.
 
ھېكمەتنىڭ ئەۋزەللىكى
‏7 زۇلۇم دانانى ساراڭ قىلار،
پارا كۆڭۈلنى بۇزار.
‏8 ئىشنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ بېشىدىن ياخشىدۇر.
سەۋرچان كۆڭۈل تەكەببۇر كۆڭۈلدىن ياخشىدۇر.
 
‏9 كۆڭلۈڭدە ئالدىراپ خاپا بولما، چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ قوينىدا ياتار. ‏10 «نېمىشقا ئۆتكەن كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ياخشىدۇر؟» دەپ سورىمىغىن، چۈنكى ئۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس.
‏11 ھېكمەت مىراس كەبى ياخشىدۇر، كۈننى كۆرگەنلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ‏12 چۈنكى ھېكمەت خۇددى پۇلدەك بىر پاناھتۇر، بىراق دانالىقنىڭ پايدىسى شۇكى، ھېكمەت ئۆز ئىگىسىنىڭ جېنىنى ساقلار.
‏13 خۇدانىڭ ئىشىنى ئويلاپ كۆر: ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالايدۇ؟
‏14 ياخشى كۈندە ھۇزۇرلانغىن، لېكىن يامان كۈن كەلسە: «ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن كۆرۈپ باقمىغان ئىشى قالمىغان بولسۇن دەپ، خۇدا بىرىنى يەنە بىرى بىلەن بىرلىكتە ياراتتى» دەپ ئويلانغىن.   
 
خۇدادىن قورقۇش دانا بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل
‏15 بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ھەر خىل ئىشنى كۆردۈم. بەزىدە ھەققانىي ئادەم ھەققانىيلىقىغا قارىماي، ئۆمۈر كۆرمەي ئۆلىدۇ، بەزىدە يامان كىشى يامانلىقىغا قارىماي، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
‏16 نە زىيادە ھەققانىي، نە زىيادە دانا بولما. ئۆزۈڭنى پەرىشان قىلىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟
‏17 نە زىيادە يامان، نە زىيادە ئەخمەق بولما. ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟
‏18 بۇنى تۇتقىنىڭ ياخشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىنمۇ قولۇڭنى تارتمىغىن. چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
‏19 ھېكمەت، دانا كىشىنى بىر شەھەرنىڭ ئون ھاكىمىدىن قۇدرەتلىك قىلىدۇ.
‏20 چۈنكى يەر يۈزىدە ياخشىلىق قىلىپ، ھېچ گۇناھ قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.
‏21 كىشىلەرنىڭ قىلغان ھەممە گەپلىرىگە ئېتىبار بېرىپ كەتمە، بولمىسا ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغىنىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ‏22 چۈنكى سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت ئوقۇغىنىڭنى ئۆز كۆڭلۈڭ بىلىدۇ.
 
ھېكمەتكە ئېرىشىشنىڭ تەسلىكى
‏23 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم. دانا بولاي دېدىم، لېكىن ئۇ مەندىن يىراق ئىدى. ‏24 ئەقىل يەتمەيدىغان ۋە مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە كىم يېتەلەيدۇ؟ ‏25 مەن ئىزدىنىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا، ھېكمەت ۋە ئەقىل تېپىشقا، شۇنىڭدەك رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىق، ۋە ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشكە كۆڭۈل قويدۇم.
‏26 مەن ئۆلۈمدىن ئاچچىق بىر ئايالنى بايقىدىمكى، ئۇنىڭ كۆڭلى تور-تۇزاق، قوللىرى كىشەندۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلغان كىشى ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلار، لېكىن گۇناھكار ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالار.
‏27 مېنىڭ تاپقىنىمغا قارا، دەيدۇ ۋەز ئېيتقۇچى، مەنتىقىنى تېپىش ئۈچۈن ھەممىسى ئۈستىدە بىر-بىرلەپ ئىزدەنگىنىمدە: ‏28 مېنىڭ جېنىم ئىزدەپ تېخى تاپالمىغىنى شۇ: مىڭنىڭ ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئادەمنى تاپتىم، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم. ‏29 لېكىن مانا، بۇنى تاپتىم: خۇدا ئىنساننى تۈز-دۇرۇس ياراتقان، لېكىن ئۇلار كۆپ ھىيلە-مىكىر ئويلاپ چىقار.