بايلىق توپلاش بىھۇدىلىكتۇر
6
‏1 قۇياش ئاستىدا ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئېچىنارلىق ئىشنى كۆردۈم. ‏2 خۇدا بىر كىشىگە ھېچ نەرسىنى كەم قىلماي، كۆڭلى خالىغىنىچە بايلىقلار، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت ئاتا قىلىدۇ. لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا شۇلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى نېسىپ قىلمايدۇ، بىراق بىر يات ئادەم ئۇلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ۋە ئېغىر مۇسىبەتتۇر.
‏3 ئەگەر بىر كىشى يۈز پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسە، ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنى بىلەن، لېكىن جېنى تاپقان نېمەتلەردىن تويغۇدەك ھۇزۇرلىنالمىسا، ھەتتا دەپنە قىلىنمىسا، بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بالا ئۇنىڭدىن بەختلىكتۇر دەيمەن. ‏4 چۈنكى ئۇ بىھۇدىلىكتە كېلىپ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلىنلىدۇ. ‏5 ئۇ ھەتتا كۈننىمۇ كۆرمىگەن، ھېچ نەرسىمۇ بىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇنداق ئادەمگە قارىغاندا راھەت تاپار. ‏6 ئەگەر ئۇ ئادەم ئىككى قېتىم مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسىمۇ، لېكىن ھېچ ياخشىلىق كۆرمىسە، نېمە پايدىسى؟ ھەممە ئادەم بىرلا جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟
‏7 ئىنساننىڭ ھەممە جاپالىق ئەمگىكى قورسىقى ئۈچۈندۇر، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قارنى تويماس. ‏8 دانانىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئۈستۈنلۈكى بار؟ كەمبەغەل كىشىنىڭ تىرىكلەرنىڭ ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگىنىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ‏9 ئارزۇ قىلغان نەرسىدىن كۆزدە كۆرگەن نەرسە ياخشىدۇر. بۇمۇ بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىقتۇر.
‏10 بار نەرسىنىڭ نامى ئىلگىرىدىن قويۇلغان ۋە ئادەمنىڭ نېمىلىكىمۇ بىلىنىپ بولغان. ئۇ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن مۇزاكىرە قىلالمايدۇ. ‏11 گەپ كۆپەيگەندە بىھۇدە ئىشلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇلاردىن ئىنسانغا نېمە پايدا بولار؟ ‏12 چۈنكى كىم سايىدەك تېز vە بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلىسۇن؟ كىم بىر ئادەمگە ئۆزىدىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمىلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ؟