5
‏1 ئاغزىڭنى ئېچىشقا ئالدىرىمىغىن. كۆڭلۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا سۆز قىلىشقا ئالدىرىمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن. ‏2 چۈنكى ئىشنىڭ كۆپلىكى چۈش، سۆزنىڭ كۆپلۈكى ئەخمەقلىق كەلتۈرەر.   
‏3 خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشنى كېيىنگە سۈرمىگىن. ئۇ ئەخمەقلەردىن سۆيۈنمەس، شۇڭا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلغىن. ‏4 ۋەدە قىلماسلىقىڭ، ۋەدە قىلىپ ئۇنى ئادا قىلماسلىقىڭدىن ياخشىدۇر.
‏5 ئاغزىڭ سېنى گۇناھكار قىلمىسۇن. پەرىشتىنىڭ ئالدىدا: «بىلمەستىن قىلدىم» دېمە. خۇدا نېمىشقا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ، قوللىرىڭنىڭ ئىشىنى يوقاتقاي؟ ‏6 چۈنكى چۈشلەر كۆپ بولغاندا، شۇنىڭدەك سۆزلەر كۆپ بولغاندا بىھۇدىلىكمۇ كۆپ بولار. لېكىن سەن خۇدادىن قورققىن.
 
بايلىقنىڭ بىھۇدىلىقى
‏7 ئەگەر سەن بىر ۋىلايەتتە كەمبەغەللەرگە زۇلۇم قىلىنىۋاتقىنىنى، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالمىغىن. چۈنكى ئۇلۇغ كىشىگە ئۇنىڭدىن ئۇلۇغى نەزەر سېلىپ تۇرار، ئەمما ئۇلاردىنمۇ ئۇلۇغى باردۇر.
‏8 يەر ھەممىگە مەنپەئەت بېرەر. پادىشاھمۇ زېمىندىن پايدا ئالار.   
 
‏9 پۇلغا ئامراق كىشى پۇلغا تويماس، بايلىققا ئامراق كىشى تاپقان بايلىقىدىن ھېچ رازى بولماس. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر. ‏10 مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇنىڭدىن يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيەر. ئۇنداق بولسا، مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە ئۆز دۆلىتىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشتىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟ ‏11 ئەمگەكچى ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىق بولار. لېكىن بايلىقنىڭ موللۇقى باينى ئۇخلاتماس.
‏12 مەن قۇياش ئاستىدا بىر ئېچىنارلىق ئىشنى كۆردۈم، ئۇ بولسىمۇ، يىغىلغان بايلىقنىڭ ئۆز ئىگىسىگە بالا-قازا ئېلىپ كېلىشىدۇر. ‏13 ۋە بايلىق، بالايىئاپەت كەلگەندە يوقىلار. ئەگەر ئۇنىڭ ئوغلى بولسا، ئۇنىڭغا ھېچنېمە تەگمەس. ‏14 ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىققاندەك، يالىڭاچ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگەك بىلەن تاپقىنىدىن ھېچنېمىنى قولىدا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ‏15 بۇمۇ ئېچىنارلىق بىر ئىشتۇر: كىشى دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا، شۇنداق كېتىدۇ. ئۇ شامال ئۈچۈن جاپا تارتىپ ئىشلەپ، نېمە پايدىغا ئېرىشىدۇ؟ ‏16 ئۇ كۈنلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا يەپ-ئىچىپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ غەم يەپ، كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، خاپىلىق تارتىدۇ.
 
‏17 مانا، بۇنى ياخشى ۋە مۇۋاپىق كۆردۈم: ئىنسان خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قۇياش ئاستىدا يەپ-ئىچىپ، قىلغان ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياشىسۇن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر.
‏18 خۇدا بىر ئادەمنى باي، دۆلەتمەن قىلسا، ۋە ئۇ كىشىنى بۇلاردىن يەپ-ئىچىشكە ۋە ئۆز نېسىۋىسىنى تېپىپ، قىلغان ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىشقا مۇيەسسەر قىلسا، بۇمۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر. ‏19 خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق سالغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىنىڭ قىسقىلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.