يەر يۈزىدىكى ئىشلار
4
1 قۇياش ئاستىدا بولۇۋاتقان ھەممە زۇلۇمنى كۆردۈم. زۇلۇم تارتقانلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم، لېكىن ئۇلارغا تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. كۈچ زالىملار تەرەپتە ئىدى، ۋە ئۇلارغا تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. 2 شۇڭا مەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى تېخى ھايات تۇرغانلاردىن بەختلىك دەپ ھېسابلىدىم. 3 لېكىن ئىككىلىسىدىن، تېخى دۇنياغا كەلمىگەن، قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقنى كۆرمىگەن كىشى بەختلىك دەپ ئويلىدىم. 4 كۆردۈمكى، پۈتۈن ئەمگەك ۋە پۈتۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش، ئەسلىدە ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولغان. بۇمۇ بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىقتۇر. ■
5 ئەخمەق كىشى قول قوشتۇرۇپ،
ئۆزىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ.
6 خاتىرجەم تاپقان بىر چاڭگال نەرسە،
شامالنى قوغلاپ مۇشەققەت بىلەن تاپقان ئىككى چاڭگال نەرسىدىن ياخشىدۇر.
يالغۇزلۇق ۋە ھەمراھلىق
7 قۇياش ئاستىدا يەنە بىر بىھۇدە ئىشنى كۆردۈم. 8 بىر كىشى يالغۇز بولۇپ، ئوغلى ياكى ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مۇشەققىتى تۈگىمەي، كۆزلىرى دۆلەتتىن تويمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، «كىم ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىپ ئىشلەپ، جېنىمدىن خۇشلۇقنى توسىمەن» دېمەيدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر ۋە يامان ئىشتۇر.
9 ئىككى بىردىن ياخشىدۇر،
چۈنكى ئىككى كىشى ھەمكارلىشىپ ئۆز جاپالىق ئەجرىگە يارىشا ياخشى مۇكاپات ئالىدۇ.
10 ئەگەر بىرى يىقىلسا، يەنە بىرى ھەمراھىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ.
لېكىن يالغۇز ئادەمگە تەستۇر،
چۈنكى ئۇ يىقىلسا، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزىدىغان كىشى يوقتۇر.
11 ئەگەر ئىككى كىشى بىر ئورۇندا ياتسا، ئىسسىق ياتىدۇ،
لېكىن كىشى يالغۇز ياتسا قانداق ئىسسىيدۇ؟
12 بىر كىشى يالغۇز ئادەمنى يېڭىۋالالىغان بىلەن،
لېكىن ئىككى كىشى ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايدۇ.
ئۈچ قاتلانغان ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەيدۇ.
دانا يىگىتنىڭ پادىشاھ بولۇشى
13 كەمبەغەل دانا يىگىت، نەسىھەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان قېرى جاھىل پادىشاھتىن ياخشىدۇر. 14 شۇڭا ئۇ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، زىنداندىن چىقىپ پادىشاھ بولىدۇ. 15 مەن قۇياش ئاستىدا ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پادىشاھنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ياش يىگىتكە ئەگەشكىنىنى كۆردۈم. 16 ئۇ باشلىغان خەلق ساناقسىز ئىدى، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەر ئۇنىڭدىن رازى ئەمەس ئىدى. بۇمۇ بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىقتۇر.
ئويلىنىپ سۆزلەش كېرەك
17 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە بارساڭ، قەدەملىرىڭدىن ئاگاھ بولغىن. ئۇ يەرگە ئاڭلاش ئۈچۈن بېرىش ئەخمەقلەرنىڭ قۇربانلىق كەلتۈرۈشىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ يامانلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ.